تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى قانداق قىلغاندا يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ؟

  كۈز پەسلى رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئەڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىل، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى يەنە ھەر خىل سۈمۈرۈشتىن بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىنىڭ غىدىقلىشىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ پەسىلدە، كۆپ قىسىم رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇشنى نېمە ئۈچۈن بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن كاۋاكلىرىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل دەيمىز؟ نۇرغۇن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ئائىلىدە بۇرۇن بوشلۇقىنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇرۇننى يۇيۇپ تۇرغاندا بۇرۇن ياللۇغىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ بۇرۇن بوشلۇقىنى قانداق يۇيغاندا توغرا بولىدۇ؟

  رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاللېرگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان ۋە تەكرار قوزغىلىدىغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن قىچىشىش، چۈشكۈرۈش، ماڭقا ئېقىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى قىلىنىدۇ، كېسەل قوزغىلىش مېخانىزمى بەدەن سىرتى مۇھىت ئامىلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ پەيدا قىلغان بۇرۇن بوشلۇقى ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنى ئاساس قىلىدىغان ئاللېرگىيىلىك ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى كۆرسىتىدۇ. رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا ئاساسلىقى ئىچىدىغان دورا ۋە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورا يېزىلىدۇ.

  بۇرۇننى يۇيۇش _ بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ماڭقا، بۇرۇندىكى قاقاچ ۋە زىيادە سېزىمچانلىقنى تازىلاشتا دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشقا ماس كېلىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. لېكىن، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ياكى بۇرۇن ئېغىر پۈتۈپ قېلىپ تىنالمىغاندا، بۇرۇن يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك. سۇيۇقلۇق تەركىبىدىكى بۇلغىنىش مەنبەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دىستىللەنگەن سۇ، مىكروبسىز سۇ ياكى قاينىتىلغان سۇ ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى تۇرۇبا سۈيىدىكى باكتېرىيەلەر بۇرۇن بوشلۇقىدا قېلىپ ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر تۇرۇبا سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى تازىلىغاندا، چوقۇم تۇرۇبا سۈيىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تاسادىپىي يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىمار يەنە مەخسۇس بۇرۇن بوشلۇقى يۇيۇش ئەسۋابى ۋە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

  بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيغاندا، بەدەننى 45 گىرادۇس ئالدىغا قىيسايتىپ، باشنى ئايلاندۇرۇپ، بىر بۇرۇن تۆشۈكىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، سۇ چىقىش ئېغىزىنى بىر قەدەر ئېگىز بۇرۇن تۆشۈكىگە كىرگۈزسىلا بولىدۇ. بۇرۇن يۇيۇش جەريانىدا ئېغىزنى ئېچىپ نەپەس ئېلىش، بۇرۇندىن نەپەسلىنىپ قېقىلىپ كېتىشىتىن ساقلىنىش كېرەك. ئامال بار بۇرۇندىكى سۇنى يەنە بىر بۇرۇن تۆشۈكىدىن چىقىرىش كېرەك، ئەگەر سۇ ئېغىز بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرسە، ئۇنى تۈكۈرۈۋېتىش كېرەك. بۇرۇن ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى سۇيۇقلۇقنى ئاستا - ئاستا چىقىرىۋېتىش كېرەك. بۇرۇن قىسمىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلىگەندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسى بار.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى