تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى ۋە سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 9- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان بىردىنبىر پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقى باشتىن - ئاخىر يىمىرىلمەيدىغان، ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ھەمكارلىقى باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر پاكىستاننى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ، پاكىستاننىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ۋە مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پاكىستان تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز بىر قاتار تەنتەنىلىك تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدۇق، بۇمۇ بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك مەركەزلىك تەربىيەسى. 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبى مىسلىسىز مۇجەسسەملىنىپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولۇپ، بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. پاكىستانلىق دوستلار ئىلگىرى جۇڭگو قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتتا شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەن، ھازىر جۇڭگو تەرەققىي قىلدى، پاكىستان تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە تېخىمۇ زىچ ئىستراتېگىيەلىك پىكىرلىشىشنى ساقلاپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مەيدانىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو - پاكىستاننىڭ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھازىر بار بولغان ئېنېرگىيە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كارىدورنى يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو - پاكىستان ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى پىكىرلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

ئىمران خان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى. پاكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ دائىم پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلىغانلىقىغا، پاكىستاننى قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو پاكىستاننىڭ پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. پاكىستان تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدۇ.

ئىمران خان پاكىستان تەرەپنىڭ ھازىرقى كەشمىر ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ، ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىشقا، ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى، پاكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ چىڭ تۇرغان ئادىل، ئوبيېكتىپ مەيدانىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ كەشمىر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ئالاقىدار ئىشلارنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 9- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى سۇگاۋارې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو - سولومون تاقىم ئاراللىرى ئىككى دۆلەت بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش. سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىڭىز ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. سولومون تاقىم ئاراللىرى گەرچە ئەمدىلا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق دوستلۇق ئىلگىرى - كېيىنلىك دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت قانات يايدۇرۇلسىلا، پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ. بىز سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سولومون تاقىم ئاراللىرى 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبقا سوزۇلغان بەلبېغىغا جايلاشقان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى ۋە مۇستەقىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سولومون تاقىم ئاراللىرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىلگاھ دۆلىتى بولۇپ قالدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى، يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇشى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ جۇڭگو - تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى چوڭ ئائىلىسىگە كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئىچىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سۇگاۋارې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ ئىنتايىن قايىل. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە ۋە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىدى، بۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ چىقارغان تەنتەنىلىك ۋە قەتئىي سىياسىي ۋەدە. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇس بولۇپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپكە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، سېلىنما، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى ۋە قوللىغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، بۇ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.