تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى −

قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش غەيرىتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخىرىغا بارغانسېرى شۇنچە قىيىنلىشىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

 مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشمايمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسىدىكى كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ساۋ جىۋېن مۇنداق بىلدۈردى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، مەسىلىلەرنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماي، ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماي، كەسكىن ئىش كۆرىدىغان جاسارەت، ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىش ئىرادىسى بىلەن باتۇرلارچە جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستىھكامنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

كەلپىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى كې شۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلارغا نىسبەتەن ھەم يېتەكچىلىك، ھەم ئىلھام ۋە ھەيدەكچىلىك ئىكەن. «بىز <دەل جايىدا بولۇش>نى چىڭ تۇتۇشنى بوشاشتۇرماي، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەشكە تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەۋزەل بايلىقلارنى مەۋقە قىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەپ، داڭلىق ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى كې شۈ.

 ئىستىلنى ياخشىلاپ، تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

ھازىر، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدىكى كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى، دائىم كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جوۋ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پىلال كەنتى بۇ يىل نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان ئېغىر نامرات كەنت، بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلبىمىز، چىن ھېسسىياتىمىز، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى ئارال يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جەن باڭجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. «بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ، كونكرېت تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەل جايىدا بولۇشنى كۆزلىشىمىز، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشىمىز كېرەك.» جەن باڭجۇ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي، كەسكىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك».

 كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلارچە زىممىمىزگە ئالىمىز

10- ئاينىڭ 1- كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرى شۈيموگوۋ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى مۇقاممەت قادىر ئۆزىنىڭ دېھقانلار مېھمانخانىسىدا ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆردى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، مەن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدىم، ئەمدى قانداق بېيىشتا يەنە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر سىياسەت بەك ياخشى، پەقەت بىز پۇختا ئىشلىسەكلا، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاداق يېزىسىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان غالىپ ياقۇپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۆيىدىكى نامراتلارنى يۆلەش توخۇسى ياخشى بېقىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنىنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدىم، ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىۋاتىمەن، بۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى. باش شۇجى <جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ> دېدى، بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ناھايىتى روھلاندىم، ناھايىتى پەخىرلەندىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم غەيرەتكە تولدى».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ۋاڭ شىنخۇڭ، خەن چىنيەن، گې يوۋجۈن، خې لىڭ، رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن لىڭ، ۋۇ دەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى