تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ]شىنجاڭ قومۇلدىكى «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات» بېرىدىغان كۆل

  كۈز پەسلى خۇددى چۆچەكلەردىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇ گۈزەل رەڭلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئالتۇن كۈزدە قوغۇن يۇرتى قومۇلدىكى قاتمۇقات ئورمانلار ئاستا-ئاستا ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەردى، بۇ يەردىكى خۇەنسەيخۇ كۆلى تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى چۆچەكلەر دۇنياسىغا غەرق قىلدى.

  خۇەنسەيخۇ كۆلى شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى تۇزكۆل بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر بۇ كۆلنى بۇرۇندىن تارتىپ خۇەنسەيخۇ كۆلى، دەپ ئاتىغان. تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى پارغا ئايلىنىدىغان كۆلدۇر، ھازىرقى كۆل يۈزى 30 كىۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1896 مېتىر كېلىدۇ. خۇەنسەيخۇ كۆلىنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئۇ ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قىزىل، سۆسۈن، ھالرەڭ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئۇنى «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات» بېرەلەيدىغان كۆل دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كۆلنىڭ رەڭگىنى كۆرۈش ئادىتىمۇ بار.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئارتىسلار ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، فوتوگرافلار ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچى ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى خۇەنسەيخۇ كۆلى مەنزىرە رايونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ھەرخىل رەڭگە كىرگەن خۇەنسەيخۇ كۆلى.

جىمجىت خۇەنسەيخۇ كۆلى.

خۇەنسەيخۇ كۆلى توختىماستىن رەڭگىنى ئۆزگەرتمەكتە.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى