تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا لەۋھە تالىشىش گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈنۈگۈن كەچ، 2019- يىللىق ستۇتگارت دۇنيا لەۋھە تالىشىش گىمناستىكا مۇسابىقىسى ئەرلەر كوللېكتىپ تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىدا رۇسىيە كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ چېمپىيون بولدى، بۇ رۇسىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى.

چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان جۇڭگو كوماندىسى 5- تۈر بولغان قوش تورنىك مۇسابىقىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىزچىل رۇسىيە كوماندىسىدىن 1.4 نومۇر ئالدىدا تۇرغانىدى، بىراق ئەڭ ئاخىرقى يالاڭ تورنىك مۇسابىقىسىدە سۈن ۋېي ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ئۈسكۈنىدىن چۈشۈپ كېتىپ، جۇڭگو ئەرلەر كوللېكتىپىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىقىپ، چېمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويدى. ئاخىرىدا رۇسىيە كوماندىسى 261.726 نومۇردا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ نومۇر جۇڭگو كوماندىسىدىن تەخمىنەن بىر نومۇر يۇقىرى بولۇپ، رۇسىيە كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 0.049 نەتىجىدە يېڭىلىپ قېلىشتەك مەغلۇبىيىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇردى.

جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئىپادىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي ئاران ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ قالغانىدى، بۇ شياۋ روتېڭ بىلەن لىن چاۋپەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا يارىلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  ئەكسىچە، رۇسىيە كوماندىسىغا قارايدىغان بولساق، كوماندىنىڭ ئىككى باشلامچىسى ناگېرنې بىلەن دالوئىننىڭ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم ھەم ياخشى بولدى، قوشۇنمۇ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى ۋە ئىشەنچكە تولدى.

ئويلىمىغان يەردىن سۈن ۋېي تورنىكتىن چۈشۈپ كېتىپ كوماندىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تارتقۇزۇپ قويدى

جۇڭگو كوماندىسى بىلەن رۇسىيە كوماندىسى بىر گۇرۇپپىدا مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، تۇنجى ئايلانمىدا ئەركىن گىمناستىكا تۈرى ئېلىپ بېرىلدى. رۇسىيە كوماندىسى بۇ تۈردە كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش ئايلانمىدا ياپونىيە كوماندىسى ئۆزى كۈچلۈك بولغان ياغاچ ئات تۈرىدە مۇسابىقىلەشتى، جۇڭگو كوماندىسى ۋاقتىنچە 3- ئورۇنغا تىزىلدى، رۇسىيە كوماندىسىدىن 0.5 نومۇر، ياپونىيە كوماندىسىدىن 0.2 نومۇردىن ئازراق پەرقلەندى.

ئىككىنچى ئايلانما ياغاچ ئات تۈرى بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى رۇسىيە كوماندىسىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. بۇ ئايلانمىدا جۇڭگو كوماندىسى بىرىنچى ئورۇنغا چىقىپ، تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان رۇسىيە كوماندىسىدىن 1.5 نومۇر ئېشىپ چۈشتى.

ئاسما ھالقا، ياغاچ ئات مۇسابىقىسىدىن كېيىن، 5- ئايلانمىدا جۇڭگو كوماندىسى ئۆزلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قوش تورنىك مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ تۈردە جۇڭگو كوماندىسى يەنىلا بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان رۇسىيە كوماندىسىنى 1.4 نومۇر تاشلىۋەتتى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما يالاڭ تورنىك مۇسابىقىسى بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى گەرچە قېيىنلىق دەرىجىسىدە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئىنتايىن ئەپسۇلىنارلىق بولغىنى سۈن ۋېينىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن تورنىكتىن چۈشۈپ كەتكىنى بولدى، بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى بىراقلا چۈشۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسىدىن ئېشىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى