تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدە رەسمىي پار بېرىش باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 0:00دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئومۇميۈزلۈك 2019-يىلدىن 2020-يىلىغىچە بولغان قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى 35 كىلومېتىرلىق كونا پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، 1 مىليون 580 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 59 ئاھالىلەر رايونىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كونا ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي ئىچى ئىسسىنىش سىستېمىسىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى، كۆمۈر قالايدىغان 3033 پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسىنى پاكىز ئېنېرگىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن 200 مېگاۋات توكلۇق پار بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ قوش ئېنېرگىيەلىك پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى ھەمدە بىخەتەر، تېجەشلىك، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەھەر-بازارلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  نۆۋەتتە، ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك مەشكە ئوت قالاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارا-بارا ئۆرلەيدۇ. ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ئەمەلىي ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ پار بىلەن تەمىنلەش پارامېتىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۆي تېپمېراتۇرىسىنىڭ 20 سېلتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى