تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پىراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى): ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنىگىچە، ھاۋا ئىزچىل ئوچۇق بولدى. بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كۈز پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى تېمپېراتۇرىنى كۈتۈۋالدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ، قۇياش نۇرى ئىللىق نۇر چېچىپ، مەيىن شامال چىقىدۇ، شۇڭا بۈگۈن دالا ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ.