تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى، ساياھەت كىرىمىدە قوش يېڭى رېكورت يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭنىڭ 10- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 12 مىليون 478 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.19 ئاشقان، ياراتقان دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 17 مىليارد 577 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.37 ئاشقان، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى ۋە ساياھەت كىرىمىدە قوش يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى شەكلى كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە بەخت تىلىدى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىدا چوڭ تورت زاكاز قىلىپ ساياھەتچىلەر بىلەن تەڭ بەھرىلەندى. باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا، 200دىن ئارتۇق بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق مەيىن شامالدا لەپىلدەپ، ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 359 - لۈدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى تۆت كۈندە كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار جەمئىي 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى مەخسۇس دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش ئورنى تەسىس قىلدى، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەن ساياھەتچىلەر كۈچلۈك ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا دۆلەت بايرىقى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، بۇ، ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلاندى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى ناھىيەسى چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى نەنسەن گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلەر ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئاساس قىلدى.

بۈگۈر، پوسكام، مورى قاتارلىق جايلار قانات يايدۇرغان ئالتۇن كۈزدە توغراقتىن ھۇزۇرلىنىش پائالىيىتىمۇ شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

قاراماي شەھىرىدىكى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى «موگۇيچېڭنى كېچىدە ساياھەت قىلىپ، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش» باش تېما پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزگىچە مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 29 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.27 ئاشتى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىپ، خۇشال - خۇرام ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگاندىكى كادىرلارنى مەنزىرە رايونىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىشقا ئاجرىتىپ، مەدەنىي بولۇشقا دەۋەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى، ياخشى مۇلازىمەت نۇرغۇن ساياھەتچىنى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىشكە جەلپ قىلدى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى