تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، مۇھاكىمە قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، مۇھاكىمە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش شەكلى قوللىنىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشتە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار سىنلىق ھەمتۈرتكە شەكلىدە سۆھبەتلەشتى. يىغىنغا قاتناشقان 11 ۋەكىل باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «يادىكارلىقلار ئارقىلىق تارىخنى ئىسپاتلاش» رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە - تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، قوغداش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، دەپ قارىدى. بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش يىرىك پىلان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ تەتقىقات سالمىقىنى زورايتىپ، قوغداش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىسپات، تارىخىي ئىسپاتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش.

نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش، سىرتقا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، ئەزالار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە ئالاھىدە ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىممەتلىك، ئورۇنلۇق پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىگە يەتتى. يىغىندا شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ۋە پىكىر - تەكلىپلەرنى دەرھال ئومۇملاشتۇرۇپ، رەتلەپ يۇقىرىغا يوللاپ، كېڭىشىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ بو ئاساسىي تېما سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى