تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يالقۇن ئاۋۇت

20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، مەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، دادام ئاساسىي قاتلام كادىرى، كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپام ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئاتا - ئانامنىڭ تەربىيەسىنىڭ تەسىرىدە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئاڭ كىچىكىمدىنلا قەلبىمدە يىلتىز تارتقانىدى، چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىرىپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن تەدرىجىي ھالدا بۈگۈنكى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم.

كىچىك ۋاقتىمدا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى كەمچىل ئىدى، كىشىلەر كۆل سۈيى ئىچەتتى، زاغرا نان يەيتتى، كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن ئىدى؛ يول قاتنىشى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، سەپەرگە چىققاندا ئاساسەن پىيادە ماڭاتتى ياكى ئېشەك ھارۋىسىغا تايىناتتى، بەزىلەر ئۆمۈر بويى ناھىيە بازىرىغا كىرىپ باقمىغانىدى؛ بەزى كىشىلەر ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا بېرىپ پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيماي، ئۆيىدە يېتىپ تەقدىرگە تەن بېرەتتى... بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە باياشاتلىققا تولدى، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» ۋە ھەقسىز كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى؛ ئاشلىق تېرىسا، كېۋەز تېرىسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى، ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان قاتناشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇردى، سۇ، توك، يول، گازنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شەھەر - يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، داۋالاشتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى بېقىش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش، مېيىپلەرگە «ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما» بېرىش، تۇرالغۇ ياردەم پۇلى بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

بۇ جەرياندا مەن ھەم قاتناشقۇچى، گۇۋاھچى، ھەم مەنپەئەتلەنگۈچى بولدۇم. مېنىڭ ئىككى بالام ئارقا - ئارقىدىن رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇدى ھەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئارزۇ قىلغان داشۆلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ بىلىمى بېيىش بىلەن بىللە، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بولدى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى مەن قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلايمەن، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. مەنلا ئەمەس، ھەربىر كادىر، ئاممىنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى.

بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتا ئۈلگە، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئۈلگە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى