تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى 1974- يىلى 3- ئايدا، شەنشى ئۆلكىسى لىنتۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىياڭ كەنتىدىكى دېھقانلار قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇپ قۇدۇق قېزىۋاتقاندا، ساپال پارچىلىرى ۋە ساپالدىن ياسالغان ئادەم پۇت - قوللىرى ھەمدە ئاتلارنىڭ تېنىنى توختىماي قېزىپ چىقتى. كېيىن ئارخېئولوگلار قېزىش ئارقىلىق، يەر ئاستىدا 2200 يىلدىن ئارتۇق كۆمۈلۈپ ياتقان چىن سۇلالىسى ھەيكەللىرى خەزىنىسىنى ئاچتى.

چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى لەشكەر - ئات ھەيكىلى ئازگاللىرىغا ئۇلارنىڭ بايقىلىش تەرتىپى بويىچە 1- نومۇرلۇق ئازگال، 2- نومۇرلۇق ئازگال ۋە 3- نومۇرلۇق ئازگال دەپ نام بېرىلدى. ئۈچ ھەيكەل ئازگىلىدىن راست ئادەم، راست ئاتقا ئوخشايدىغان جەمئىي 8000دىن ئارتۇق ساپال ھەيكەل، ساپال ئات، 100دىن ئارتۇق ياغاچ جەڭ ھارۋىسى، نەچچە ئونمىڭ بىرونزا قورال - ياراغ قېزىپ چىقىلدى. ھەيۋەتلىك لەشكىرىي سەپ يەر ئاستىدا تەرتىپلىك تىزىلغان، ھارۋىلىق ئەسكەرلەر، پىيادە ئەسكەرلەر، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارىلاش گۇرۇپپىلانغان بولۇپ، چىن شىخۇاڭنىڭ جاھاننى تىترەتكەن، ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەيۋەتلىك لەشكىرىي سېپى ئوبرازلىق قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇلار رېئالىزملىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن پېرسوناژلارنىڭ غايەت زور سەنئەت توپى، شەكلى جانلىق، تەسۋىرى ئەينەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ھەيكەلتىراشلىق تارىخىدىكى چىن سۇلالىسى دەۋرى ھەيكەلتىراشلىق تارىخىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخ، ھەربىي تۈزۈم ۋە مەدەنىيەت - سەنئەتنى تەتقىق قىلىشنى ناھايىتى تېپىلغۇسىز ئەمەلىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش بولۇپ، «دۇنيادىكى 8- چوڭ مۆجىزە» دەپ تەرىپلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئۇنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى.

چىن شىخۇاڭ قەبرىسىدىكى لەشكەر - ئات ھەيكەللىرىنى قېزىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، دۆلىتىمىزدە يەنە بىرقانچە ئارخېئولوگىيەلىك مۇھىم، زور بايقاش بولدى.

1972- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە، ماۋاڭدۈي 1- نومۇر، 2- نومۇر، 3- نومۇرلۇق خەن سۇلالىسى قەبرىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاڭشا شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدىكى ليۇياڭخې دەرياسى بويىدىكى ماۋاڭدۈيدە قېزىپ چىقىلدى. 1- نومۇرلۇق خەن سۇلالىسى قەبرىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئايال جەسەتنىڭ ۋاقتى 2100 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن تېنى پارقىراق، بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى خېلىلا مۇكەممەل. بۇ، دۇنيادا بايقالغان ساقلىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان نەم جەسەت بولۇپ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىدىكى مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.

1975- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1976- يىلى ئەتىيازغىچە باشلانغان شۇيخۇدىنى قېزىش خىزمىتىدە، 2000 يىلدىن ئارتۇق ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بامبۇك پۈتۈكلەر دۇنياغا كۆز ئاچتى. دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم كۆپلەپ بايقىغان چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بامبۇك پۈتۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قانۇنلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ مۇكەممەل قانۇنلار توپلىمى ھېسابلىنىدۇ.

ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور بايقاش تارىخ تەتقىقاتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىمۇ تەڭداشسىز غايەت زور رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى