تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

1976-يىلى 10-ئايدىكى غەلىبە

1976- يىلى، دۆلىتىمىزدە دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بىر قاتار چوڭ ئىشلار يۈزبەردى. 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، جوۋ ئېنلەي زۇڭلى ۋاپات بولدى. 4- ئايدا، خەلق ئاممىسىنىڭ جوۋ ئېنلەيگە تەزىيە بىلدۈرۈش، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»قا قارشى تۇرۇش تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، دېڭ شياۋپىڭ خاتا ھالدا پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جۇ دې ۋاپات بولدى. 7- ئاينىڭ 28- كۈنى، خېبېي تاڭشەن ئەتراپىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكى غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى. 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ ۋاپات بولدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى غايەت زور ئازاب ئىچىدە قالدى.

ماۋ زېدۇڭ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش سۇيىقەستلىك ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. شۇ ۋاقىتتىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى خۇا گوفېڭ يې جيەنيىڭ، لى شيەننيەن، ۋاڭ دۇڭشىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ۋە قايتا - قايتا مەسلىھەتلىشىپ، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى كۆپ ساندىكى يولداشنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»قا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلدى.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، خۇا گوفېڭ، يې جيەنيىڭ قاتارلىقلار جۇڭنەنخەيدە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىش شەكلىدە، ۋاڭ خۇڭۋېن، جاڭ چۇنچياۋنى ئايرىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جياڭ چىڭ، ياۋ ۋېنيۈەننىمۇ ئايرىپ تەكشۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىر تال ئوق چىقارماي، بىر تامچە قان ئاققۇزماي، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىراقلا تارمار قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» گۇرۇھىنىڭ شاڭخەيدىكى تايانچ ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ باشقا ھەرقايسى جايلاردىكى گۇرۇھ - مەزھەپلىرىنىڭ تايانچلىرىغىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

10- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەگە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ تارمار قىلىنغانلىق خەۋىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز مىليونلىغان ئامما چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى.

«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ تارمار قىلىنىشى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئاپەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قۇتقۇزۇپ، پارتىيە تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت ھازىرلىدى. جۇمھۇرىيەت تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى