تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دەرۋازىسىنى قايتا ئېچىش

1977- يىلى 8- ئايدا، دېڭ شياۋپىڭ ئىلىم - پەن ۋە مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئون يىل تاقىلىپ قالغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دەرۋازىسىنى قايتا ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسى دەل مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا باشلاندى.

سۆھبەت يىغىنىدا، بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى: قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلار يوق ئەمەس، بەلكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى بىلەن لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دېدى. بۇ سۆزلەر دېڭ شياۋپىڭنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇ يىلدىن باشلىنىدۇ، دەپ كەسكىن قارار چىقاردى.

دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ھۆججەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە يوللانغان نۇسخىسىدا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش شەرتىگە قارىتا زور تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى شەرتنى تۇتۇش كېرەك، بىرىنچى، شۇ كىشىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇش، ئىككىنچى، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى «1977- يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، بۇ پىكىرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ماقۇللىدى ھەم گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلاندى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «خەلق گېزىتى»گە خەۋەر بېرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تۈزۈمىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

1977- يىلى قىشتا، ياش قۇرامى ئوخشاش بولمىغان 5 مىليون 700 مىڭ ياش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەيدانىغا كىردى. بۇ قېتىمقى ئىمتىھان كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى جۇڭگو مائارىپ تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپلا قالماستىن يەنە، دۇنيادىكى ئەڭ دەپ ئاتالدى.

1978- يىلى ئەتىيازدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك 273 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىغا قەدەم قويدى.

ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا قاتتىق ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئادىل رىقابەت ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەلالىرى تاللىنىپ قوبۇل قىلىندى. قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە مۇھىمى شۇ كىشىنىڭ ئىپادىسىگە قارالدى، داشۆدە ئوقۇشتا ئائىلە مەسىلىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى. يېڭى تۈزۈم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دەرۋازىسىنى يېڭىباشتىن ئېچىشى بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى