بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شى 13- تۇەندىكى ئارال خۇڭسېجىئەي مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئالما شاخلىرى قىپقىزىل ئالمىلارنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئىدى. كۈز پەسلىدىكى كۆپكۆك ئاسمان، كۈچلۈك قوياش نۇرىدا بۇ مەنزىرىلەر ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى.
تۇەن- مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن بۇيان، 1- شى 13– تۇەننىڭ خىزمەتچىسى گو دېشىن بىر نەچچە دوستلىرى ۋە باغۋەنلەر بىلەن بىرلىشىپ ئارال خۇڭسېجىئەي مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، شەندۇڭدىن خۇڭسېجىئەي ئالما يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈپ سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈردى. تىرىشىش نەتىجىسىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالما پات ئارىدا بازارغا سالغۇدەك بولدى.
ئالمىنىڭ سېتىلىش يولى توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا گو دېشىن قىلچە غەم قىلمىدى، چۈنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالمىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالتە سودىگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. «بۇ يىل ئالمىنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، بازاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز مېۋىلىك باغنى داۋاملىق بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېيىن داڭلىق ماركا يارىتىشقا تەييارلىق قىلىدۇ» دېدى گو دېشىن.
«كوپىراتىپىمىز بىر قىسىم ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مېۋە- چېۋە سورتلىرىنى تېرىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مېۋىچىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كوپىراتىپىمىزنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق» دېدى گو دېشىن كوپىراتىپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى