تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاقسۇ ۋىلايىتى ياش-ئۆسمۈرلەر تەيچۈەنداۋ تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر شى جىشياڭ خەۋىرى): 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، 2019- يىللىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تەيچۈەنداۋ تاللاش مۇسابىقىسى ئاقسۇ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لەردىن كەلگەن 50 نەپەر ياش - ئۆسمۈر قاتناشقان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ مۇسابىقىنى بۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش - ئۆسمۈرلەر تەيچۈەنداۋ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنى تاللاش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان. مۇسابىقە تۆت گۇرۇپپا، 36 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر دەرىجىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەر 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايوننىڭ  2019- يىللىق ياش - ئۆسمۈرلەر تەيچۈەنداۋ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى 2019- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش - ئۆسمۈرلەر تەيچۈەنداۋ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، مۇسابىقىدە تاللانغان تەنھەرىكەتچىلەر بىر ئاي يىغىلىپ مەشىق قىلىپ، ماھارەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى