تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۇاجياڭ خەۋىرى): «چاققان كېلىپ كۆرۈڭلار، بۇ يەردە ناخشا، ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاۋېتىپتۇ، بەك قىززىق ئىكەن!» 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدا ناخشا-مۇزىكا ياڭراپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

    چىرايلىق كىيىم كىيگەن بىرنەچچە قىز مەشرەپ ئۇسسۇلى ئويناۋاتاتتى، سەھنىنىڭ يېنىدىكى يايمىغا ئالما، شاپتۇل، چىلان، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەر ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەكلەر تىزىپ قويۇلغانىدى.

    جام بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان رازىيەم بەكرى ساياھەتچىلەرگە ئۆزى ئۇيۇتقان لەڭپۇڭ ۋە سېرىق ئاشلارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان لەڭپۇڭنىڭ بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۈگۈن تەييارلىغان 20 كىلوگرام  لەڭپۇڭ سېتىلىپ بولاي دېدى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مېنىڭ  لەڭپۇڭ ئۇيۇتۇش جەريانىمنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

    «ئىلگىرى بۇ يەرگە جىلغىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ناخشاـ ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇق، يەنە ئېسىل تائاملارنى تېتىدۇق، ساياھىتىمىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى! »دېدى ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ خانىم.

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى