تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى چوڭ نومۇر پەرقىدە گۇئام كوماندىسىنى يېڭىشى مۇمكىن

10- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ سائەت 8:00دە، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى گۇاڭجوۋدا گۇئام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ يەنە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئاسىيا قىتئەسى رايونى 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئۆز مەيدان مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. رىقابەتچى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى زىيادە ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭىشىغا گەپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەقتە باش تىرېنېر لىپى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى نىشانىنىڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 0گە قارشى 5 نەتىجىدە مالدىۋې كوماندىسىنى يەڭگەنىدى. 10- ئايدا، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆز مەيدانىدا گۇئام كوماندىسى بىلەن، 10-ئاينىڭ 15- كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا فىلىپپىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى گۇاڭجوۋغا يىغىلدى. بۇ قېتىم لىپى بېكىتكەن ماھىرلار چوڭ تىزىملىكىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، ۋاراتار جاڭ لۇ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋەقەسى سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى، ئۇنىڭ ئورنىغا پېشقەدەم ماھىر زېڭ چېڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولدى، بۇنىڭدىن باشقا، خې گۇەن، شى كې قاتارلىق ئىككى بېكنىڭ ئورنىغا جى شياڭ، جېڭ جېڭ ئالمىشىدىغان بولدى.

دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم گۇئام كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىشى 2000- يىلىدىكى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، شۇ چاغدا دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 0گە قارشى 19 نەتىجە بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى، بۇ يەنە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى تارىخىدىكى خەلقئارا رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇشى ئىدى. ئارىدىن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، گۇئام كوماندىسى ھازىر ئەينى يىللاردىكى باشقا كوماندىلارغا چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان ئىشتىن سىرتقى كوماندا ئەمەس، كوماندىدا ئامېرىكا كەسپىي چوڭ بىرلەشمىسى ۋە ئىسلاندىيە بىرلەشمىسىدە توپ ئوينايدىغان بىر قانچە كەسپىي پۇتبولچى بار، ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان كوماندىسى، تۈركمەنىستان كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە غەلىبە قىلغان.

ھازىر، گۇئام كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى 40 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئويناپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1:0 نەتىجىدە مالدىۋې كوماندىسىغا، 5:1 نەتىجىدە فىلىپپىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ گۇئام كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. يېقىنقى ئىككى كۈنلۈك مەشق ئەھۋالىدىن قارىغاندا، باش تىرېنېر لىپى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە داۋاملىق 433 سەپ شەكلىنى قوللىنىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئاساسلىق ماھىر سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشىدىغان ماھىرلارغا نىسبەتەن تەڭشەش ئانچە چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. مۇسابىقىدىن بۇرۇن، لىپى بۇ مۇسابىقىنىڭ نومۇر ئالىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ماھىرلارنىڭ كۆپرەك توپ كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئىككى خانىلىق سان بولالىشى ياكى بولالماسلىقى بەلكىم مۇسابىقىنىڭ بىردىنبىر كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان نۇقتىسى ھېسابلىنىشى مۇمكىن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى