تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ماناس ناھىيەسى لياڭجۇخۇ بازىرىدىكى دېھقانلار گازىر كاۋىسى تېرىپ مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمىنى ئاشۇردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شىمىڭ، خەن دەن خەۋىرى، فوتوسى):  ھازىر دەل كاۋىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەيت، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى لياڭجۇخۇ بازىرى شىنچۈ كەنتىدىكى كاۋا ئېتىزلىرى يوغان، چوڭ كىچىكلىكى كۆپ پەرقلەنمەيدىغان كاۋىلار بىلەن تولغان ئىدى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇ مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، كاۋا ئۈزۈش ماشىنىسىنىڭ كاۋا ئۇرۇقىنى ئايرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز.

    بۇ كەنتتىكى ئاھالە جياڭ ديەنۋېننىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 80 نەچچە مو يەرگە گازىر كاۋىسى تېرىپ، ھەر مو يەردىن 220 كىلوگرام ئەتراپىدا گازىر كاۋىسى يىغىۋالدى، تۈرلۈك چىقىملارنى چىقىرۋەتكەندە ئۇ بۇ يىل بۇ تۈرىدىنلا يۈز مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. جياڭ ديەنۋېن مۇنداق دېدى :«زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى بولغاچقا، بىر كىلوسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 11 يۈەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى، لېكىن بۇ يىل بازار ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بىر كىلوسىنىڭ بازار باھاسى  13 يۈەن 5 موغا يەتتى، پايدىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.

    ئىلگىرى كەسىپ قۇرۇلمىسى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، دېھقانلار پەقەت كۆممىقوناق ۋە كېۋەز تېرىيتتى، بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ كۆڭلىدىكىدەك بولمىغانىدى، ماناس ناھىيەلىك  سۇغۇرتا سىستېمىسى ۋە يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لياڭجۇخۇ بازىرى شىنچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنى ئىقتىسادىي زىرائەت بولغان كاۋا تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كاۋا تېرىقچىلىقىمۇ ماشىنىلاشتى، بۇ ئىككى يىلدا كاۋا ئۇرۇقىنىڭ باھاسىمۇ ئۆستى، شۇنىڭدىن باشلاپ كاۋا تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

    «بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ بىز تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر قىسىم دېھقانلارنى ئەنئەنىۋى كېۋەز تېرىشتىن زاكازلىق تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلىدۇق. دېھقانلارنى باشلاپ شىخەنزىدىكى شىركەتكە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، بىزنىڭ يېتەكلەش ۋە تەشۋىق قىلىشىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر كەنتىمىزدە يەتتە ئائىلىلىك گازىر كاۋىسى تېرىدى، كۆلىمى 460 موغا يەتتى.  بىز كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، تەشۋىق قىلىپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كىرىمگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى ماناس ناھىيەلىك سۇغۇرتا سىستېمىسى ۋە يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لياڭجۇخۇ بازىرى شىنچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى يۈ دۇڭشۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى