10- ئاينىڭ 8- كۈنى، ۋۇخەن ياڭسى پورتىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاندى. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10- ئاينىڭ 8- كۈنى، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى تۇنجى قوش قەۋەتلىك تاشيول كۆۋرۈكى __ ۋۇخەن ياڭسى پورتىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى. ياڭسى پورتى چاڭجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4.13 كىلومېتىر، ئاساسىي كەڭلىكى 1700 مېتىر. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى، قوش لىنىيەدە ئالتە ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا قاتنىيالايدۇ، كۆۋرۈك يۈزىدە ئاپتوموبىللارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن؛ ئاستىنقى قەۋىتى شەھەر غول يولى لىنىيەسى بولۇپ، قوش لىنىيەدە بىرلا ۋاقىتتا ئالتە ئاپتوموبىل قاتنىيالايدۇ، سائەتلىك تېزلىكى 60 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ چى فوتوسى)