تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تىكتاك توپ مۇسابىقىسى كوللېكتىپ تۈرىگە قاتنىشىدىغان ئون كىشىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن لۇڭفېي): خەلقئارا تىكتاك توپچىلار بىرلەشمىسى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئورگان تورىدا 2019- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ تۈرىگە قاتنىشىدىغان ھەرقايسى كوماندىدىكى ماھىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسىدىكى ماھىرلار: شۈ شىن، فەن جېندۇڭ، ما لۇڭ، لىن گاۋيۈەن، لياڭ جىڭكۇن، ئاياللار كوماندىسىدىكى ماھىرلار: چېن مېڭ، دىڭ نىڭ، ۋاڭ مەنيۈ، ليۇ شىۋېن، سۈن يىڭشا.

دۇنيا لوڭقىسى تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ كوللېكتىپ تۈرى 11- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ دۇڭجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى سۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى تۈزۈمى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، قوش ئويناش مۇسابىقىسى كوللېكتىپ تۈرىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بولىدىكەن. شۇڭا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يەنە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق مۇھىم مەشىقى بولۇپ قالىدىكەن.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆرگەن ئەمەلىي تەييارلىق ئەھۋالى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يارىلىنىشى، كېسەل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشقاندا، جۇڭگو كوماندىسى يېقىنقى مەزگىلدىكى تۈرلۈك خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ماھىرلار تىزىملىكىنى جانلىق تەڭشەپ، غوللۇق ماھىرلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ نۆۋەت بىلەن دەم ئالدۇردى. «ماھىرلارنى ئارام ئالدۇرۇپ، تەڭشىگەندىن باشقا، بىز يەنە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى كوللېكتىپ تۈرىنىڭ ئوخشىمىغان مۇسابىقە ۋەزىپىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماھىرلارغا تېخنىكا جەھەتتىن تولۇقلاش ئېلىپ بارىمىز.» لى سۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سەۋەبى ماھىرلارنى مۇسابىقىگە مەقسەتلىك قاتناشتۇرۇپ، مۇسابىقە ئارقىلىق مەسىلە تېپىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى