تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاۋمېندىكى پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلارغا جاۋاب خەت يېزىپ سالام يوللىدى، رىغبەتلەندۈردى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارغا چۇڭياڭ بايرىمىلىق بەخت تىلىدى

جاۋاب خەت

ئاۋمېن قوشنىلار باش جەمئىيىتى يىجۈن مەركىزىنىڭ پېشقەدەم پىدائىيلار گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار:

ياخشىمۇ سىلەر! سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى كۆرۈپ، مەن ئون يىل ئىلگىرى ئاۋمېندا كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەن مەنزىرىنى ئەسكە ئالدىم. سىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ، تۇرمۇشىڭلارنى مەنىلىك، خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

يېڭى جۇڭگو بىلەن دەۋرداش بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزدۈڭلار. سىلەر ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىزدىن چىن قەلبىمىزدىن پەخىرلىنىمىز دەپسىلەر، بۇنىڭ كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ يۈرەك ساداسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. سىلەرنىڭ ياشانغاندىمۇ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپ، ئاۋمېنلىق ياشلارغا ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاۋمېننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ، مەن سىلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلام بولۇشىغا، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چۇڭياڭ بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاۋمېن قوشنىلار باش جەمئىيىتى يىجۈن مەركىزىنىڭ پېشقەدەم پىدائىيلار گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ياشانغان كىشىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلام، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىگە، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى كۆرۈپ، مەن ئون يىل ئىلگىرى ئاۋمېندا كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەن مەنزىرىنى ئەسكە ئالدىم. سىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا ئىشتىياق باغلاپ، تۇرمۇشىڭلارنى مەنىلىك، خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو بىلەن دەۋرداش بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر دۆلەتنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزدۈڭلار. سىلەر ئۆزىمىزنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىزدىن چىن قەلبىمىزدىن پەخىرلىنىمىز دەپسىلەر، بۇنىڭ كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭمۇ يۈرەك ساداسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. سىلەرنىڭ ياشانغاندىمۇ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپ، ئاۋمېنلىق ياشلارغا ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاۋمېننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاۋمېن قوشنىلار باش جەمئىيىتىنىڭ يىجۈن مەركىزى 2007- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بىر كەسپىي ياشانغانلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى. 2009- يىلى 1- ئايدا، ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، بۇ مەركەزگە بېرىپ ياشانغانلارنى سەمىمىي يوقلىغانىدى. يېقىندا، يىجۈن مەركىزىنىڭ پېشقەدەم پىدائىيلار گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ياشانغان كىشى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.