تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئالتە دۆلەت زۇڭلىلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئالتە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالتە دۆلەت يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان ھەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر تۈركۈم دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئالتە دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئالتە دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزدى. ھازىر، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى مول، رەڭدار بولماقتا. يېڭى دەۋردە، جۇڭگونىڭ ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېڭى، تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالغا يۈزلەندى. مەن ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇق - ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، زور ئىلگىرىلەش ۋە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالتە دۆلەت جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتە دۆلەت زۇڭلىلىرى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئالتە دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو - ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ كۆپ پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئالتە دۆلەت زۇڭلىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو - ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.