تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىكتە تەبرىكلەندى، ھەممە شاد - خۇراملىققا چۆمدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق، ھەيۋەتلىك، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بولۇپ، ئېسىل پائالىيەتلەر ئۈزۈلمىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتكەن قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ياراتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسىنى تەنتەنىلىك ئېلان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق تۈردە بىزنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە گۈللەنگەن دەۋردىكى كاتتا مەرىكە ناھايىتى زور دەرىجىدە مىللىي روھنى ئۇرغۇتتى، خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىن ھېسسىياتىنى قوزغاتتى، قۇدرەتلىك كۈچ توپلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق چەكسىز ئىپتىخارلىق، چەكسىز شان - شەرەپ ھېس قىلدى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ۋە ئۇلۇغ يېڭى دەۋرگە چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئېيتتى، چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى، قىزغىن ھېسسىيات بىلەن مەدھىيەلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشى كېرەك. شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قەدىرلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قىياپىتىدە، ئۇلۇغ خەلقىمىزنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى؛ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە چوڭقۇر ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشقا ئايلاندۇرۇشى، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، پائال نەتىجە يارىتىشنىڭ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. قىممەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىشى كېرەك. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى، بۈگۈنكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبتىن ھېس قىلىشى، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، يۇقىرى - تۆۋەن كۈچنى بىرىكتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، چېن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى كەم - كوتىسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزىتىش ۋەدىسىنى بىرمۇبىر نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈنۈم يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تەربىيەنى ئاشكارا تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئاڭلاشقا دىققەت قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشى، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.