تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە خۇشاللىققا چۆمۈپ، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇماقتا. بۇ كۈرەش ئىرادىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىقتەك قەتئىي ئىرادىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقماقتا.

 ئېغىر نامراتلىققا كۈچەپ ھۇجۇم قىلىش، «ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىق»نى يېڭىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدى ئۈچۈن، ئۇلۇغ بۇرچنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېغىر نامرات رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك زىيارەت قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى قاتارلىقلارنى كۆپ قېتىم ئېچىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى، ھەرىكەت ھالىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، تەڭ كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، نامراتلىق قورغىنىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن سىرت، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇتلەق نامراتلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سېپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئومۇمىي نامرات ئاھالىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان بۇ قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىق» ھېسابلىنىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كىردى. بۇ يىل 6- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما نامراتلىققا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاشقا چاقىرىق قىلىندى.

خۇددى «پۇرژىنا»نى چىڭىتقانغا ئوخشاش، 100 مېتىرغا كۈچەپ يۈگۈرۈپ، قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مۇتلەق نامرات بولۇش «نامراتلىق قالپىقى» بىر - بىرلەپ چۆرۈپ تاشلاندى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش «نامراتلىق يىلتىزى» بىر - بىرلەپ قومۇرۇپ تاشلاندى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ھەممە ئادەم مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، قىيىن ئۆتكەلنىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلدى.

 كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش، ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئىشلەش

«زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن، ئىشقا بېرىشىم ناھايىتى قولايلىق، كىرىمىممۇ مۇقىم.» قاراقاش ناھىيەسىدىكى رۇيشىن ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان تۇرسۇنگۈل مەتنىياز مۇنداق دېدى: زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتتى. تۇرسۇنگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرىنىڭ خۇڭشىڭ كەنتىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان كەنت ئاھالىسى ئاز ئەمەس.

چىرا ناھىيەسى گۇلاخما بازىرىنىڭ ياقا ئۆستەڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابدۇنەبى ئوبۇلتارى نامرات ئاھالىلەرنى يىغىپ توشقان باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى ھەم شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، توشقان سېتىش يوللىرىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. خوتەن ۋىلايىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئائىلىلەرگە قاراپ ئىش كۆرۈپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى، زور بىر تۈركۈم نامرات ئائىلە يېتەكلەندى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، چېگرا قوغدىغۇچىغا ئايلاندۇرۇش... نامرات ئاھالىلەر ئىسىملىكىنى ۋاراقلىغاندا، شۇ جايدىكى ھەربىر نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى بېكىتىلگەنىدى. «يەتتە بىر تۈركۈم» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر شارائىتقا قاراپ، ئادەمگە قاراپ، ئېھتىياجغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ تولۇقلاپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئوقۇشتىن چېكىنمەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى، نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

 بىر تال ئارغامچا بولۇپ ئۇيۇشۇش، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

قەشقەر شەھىرى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدا، شىنجاڭ مېيلىئو كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى قەشقەر شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى 1200 نەپەر يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مەركەزلەشكەن شەكىلدىكى فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى رولىنى جارى قىلدۇرماقتا... مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساھە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى، كۆپ خىل تەدبىر ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى.

مەبلەغ دەل جايىدا ئىشلىتىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت بېكىتكەن 32 نامرات ناھىيەگە 23 مىليارد 626 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلەغ سېلىپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاشقا ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە سېلىنغان مەبلەغ بارلىق بىرىكمە مەبلەغنىڭ %93تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ يىل 8- ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىدە، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چۆرىدەپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈر كېلىشىمىدىن 176سى ئىمزالاندى، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 31 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. تېخنىكىسى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالايدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان ئامما خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن غەم قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

ھەمكارلىشىش، قوللاش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 250كە يېقىن ئورۇن 270 نەچچە نامرات كەنتكە نۇقتا بويىچە ياردەم بەردى، يۆلىدى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك 33 ناھىيە، شەھەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 ناھىيە، شەھەرگە ياردەم بەردى، يۆلىدى، مەركەزدىكى 16 ئورۇن 27 نامرات ناھىيەگە نۇقتا بويىچە ياردەم بەردى، يۆلىدى.

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ تورى توقۇغانسېرى زىچلاشماقتا، ھەر تەرەپنىڭ كۈچى نامرات رايونلارغا توپلىنىپ، ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچىمەكتە. بۇ مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار سېلىنمىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە تىزىملىكىگە ئايلاندى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 2131 كەنتنى چېكىندۈرۈپ چىقىش، 13 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %6.1كە تۆۋەنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى