تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تىرىشىپ تېخىمۇ قالتىس كىشىلىك ھايات يارىتىش

− شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى توقسۇن نېڭخۇا شىركىتى كالتسىي كاربىد 1- سېخىنىڭ ئىسمېنا باشلىقى سەيپىدىن ئىسرائىل توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

9- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توقسۇن نېڭخۇا شىركىتى كالتسىي كاربىد 1- سېخىنىڭ ئىسمېنا باشلىقى سەيپىدىن ئىسرائىل نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بېيجىڭغا بېرىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى.

«مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغاندىن باشلاپ، مەن كۆپ قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەكچىلەرگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنى قايتا - قايتا ھېس قىلدىم. ھەر قېتىم قايتىپ كەلگىنىمدە ئىنتايىن زور ھاسىلاتقا ئېرىشىمەن، غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېدى سەيپىدىن.

بىر دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغىچە، پېچتىن چىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىدىن كالتسىي كاربىد 1- سېخىنىڭ ئىسمېنا باشلىقىغىچە، سەيپىدىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش، تىرىشىپ تېخنىكا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەدەممۇقەدەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى تېخىمۇ قالتىس قىلىپ سىزىپ چىقتى.

 ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى تاللىغان سەيپىدىننىڭ ئەينى چاغدىكى ئارزۇسى − تۇرمۇشتا ئۆزىگە يار - يۆلەك بولۇۋاتقان بوۋىسىنى ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كۈنلەردە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەخرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

شىركەتكە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي سەيپىدىن توقسۇن نېڭخۇا شىركىتىنىڭ پېچتىن چىقىرىش ئىشچىسى بولدى. ئەينى ۋاقىتتا، بەن - گۇرۇپپىدا پەقەت ئۇلا ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچى بولۇپ، پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلىيەلمەيتتى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى قىينالدى.

«پەقەت راۋان پىكىر ئالماشتۇرغاندىلا، ئاندىن تېخنىكىنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلىگىلى بولىدۇ.» مۇشۇ ئەقىدە بىلەن، سەيپىدىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگەندى، خىزمەتتە مەسىلىگە يولۇقسىلا پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىزدەپ تەلىم ئېلىپ، ھەم تىل مەشىقى قىلدى ھەم تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، ئۇ ناھايىتى تېزلا پېچتىن چىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.

گۇرۇپپا باشلىقى بولغان سەيپىدىن بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، گۇرۇپپا باشلىقى دېگەنلىك تېخنىكىدا قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن دېرەك بېرەتتى، يەنە نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلەتتى. ئۆزىنىڭ ئىجتىھاتى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، سەيپىدىننىڭ خىزمەت ئىقتىدارى شىركەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، 2015- يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى.

 بەھرىلىنىش جەريانىدا ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش

خىزمەتتە سەيپىدىن خۇشاللىق بىلەن بەھرىلىنىدىغان كىشى، قانداقلىكى ئەپچىل چارىنى ئىگىلىگەن ھامان سېخىيلىق بىلەن خىزمەتداشلىرىغا ئېيتىپ بېرەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەيلى كالتسىي كاربىد پېچىدا قانداق مەسىلە يۈزبەرسۇن، سەيپىدىن ھامان ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلدى.

«كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن يۈكسىلىپ تېخىمۇ تىرىشىپ تەتقىق قىلالايمەن، بۇ بىر ياخشى ئايلىنىش، تېخنىكىدا تېخىمۇ كامالەتكە يېتىشىمگە ياردىمى بار» دېدى سەيپىدىن.

بۈگۈنكى كۈندە، شىركەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەر %40تىن ئاشتى، نۇرغۇن كىشى دەسلەپ كەلگەندە نېمە ئۈچۈنكى خىزمەت تەرتىپىنى ئانچە بىلىپ كېتەلمىدى، بەن - گۇرۇپپا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىمۇ چۈشىنىپ كېتەلمىدى، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئازراق توسالغۇغا ئۇچرىسىلا، زور بېسىم ھېس قىلدى، سەيپىدىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەت تەسىراتى، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسىنى سۆزلەپ بەردى.

سەيپىدىن يېڭى خىزمەتچىلەرگە ئۆزىنىڭمۇ ئىشنى شاگىرتلىقتىن باشلىغانلىقىنى، بىر مەزگىل گاڭگىراپ يۈرگەنلىكىنى، لېكىن بۇلارنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنىڭ يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى قەدەممۇقەدەم ياخشى مېڭىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش

ئىلگىرى، سەيپىدىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق كۆپ شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شىركەت ۋە خىزمەتداشلىرىم ئىزچىل مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ياردەم بېرىپ كەلدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر كىشىگە ئايلاندۇردى.

2017- يىلى 3- ئايدا، سەيپىدىن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى سۈپىتىدە جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى. بۇ مەزگىلدە، سەيپىدىن ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى، ئۇ بولسىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇش، كارخانىنىڭ تەربىيەسىنى يەردە قويماسلىق ئىدى. ئۇنىڭ يېڭى ئارزۇسى بار بولدى، ئۇ بولسىمۇ، ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىپ، جەمئىيەتكە، كارخانىغا تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇش.

بۇ يىل 2- ئايدا سەيپىدىن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىغا بېرىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

«بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلدىم. مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە يەتكۈزىمەن ھەمدە تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بالدۇرراق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى سەيپىدىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى