تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ

كەچ كۈزدىكى قاناس مەنزىرە رايونى رەڭگارەڭ، گۈزەل تۈسكە كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 10- ئاينىڭ 4- كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشتى. قاناس مەنزىرە رايونىغا ئوخشاشلا، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ئىستىراھەت ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ساياھەت پائالىيەتلىرى بايراملىق ساياھەت بازىرىنى قىزىتىۋەتتى.

 دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشنى كۆرۈشى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونىدىكى بىر مەنزىرىگە ئايلاندى. قاناس مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى LED ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكرانىدا تەبرىكلەش يىغىنىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئاپىرىن ئېيتتى، ئانا ۋەتەنگە بەخت تىلىدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ئۆتكۈزگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئالتاي، بۇرچىن، قابا، كۆكتوقاي، بۇرۇلتوقاي قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «خەلق قىزىل ناملىق. ۋاقىت پويىزى»دىكى نەچچە يۈز ساياھەتچى كۆكتوقايدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلىدى. يەتتە كۈندە، كۆكتوقاي گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى، كۆكتوقاي ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار دۆلەتلىك كان باغچىسى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىل ساياھەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا پانۇسلار ئېسىلغان، دۆلەت بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇرغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى چاپلىقى، قىزىل پانۇس قاتارلىق ھەر خىل دۆلەت بايرىمى ئامىللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش «كۇيشەن» پائالىيىتى نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە بۇ مەنزىرە رايونى جەمئىي 23 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى؛ باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن غايەت زور تۇغۇلغان كۈن تورتى ياسىدى؛ ئاقسۇ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى «مەن ۋەتەن بىلەن بىر رامكىدا، مەن ۋەتەنگە ئاپىرىن ئېيتىمەن» قاتارلىق باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى قاتناشتى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى بىرلىكتە قىزىل ناخشا ئېيتىپ ۋەتەنگە بەخت تىلەشكە تەشكىللىدى، يەتتە كۈندە جەمئىي 120 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

 ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ مول بولدى

10- ئاينىڭ 3- كۈنى، تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى 15 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، بۇ ساياھەت رايونى بىر كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانىدا يېڭى يۇقىرى پەللە ياراتتى. بۇ پەقەت تۇرپان شەھىرىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەتنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەتتە كۈندە، تۇرپاننىڭ ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگەن ساياھەتچى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كوللېكتىپ ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77 ئاشقان.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى. شيېچېڭ تورى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئېلان قىلغان «2019- يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق ساياھەت ھېسابات تالونى»دا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ قاتارىغا ئۈرۈمچىمۇ كىرگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە چىقىمى 6424 يۈەن بولۇپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىش جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 7- ئورۇندا تۇرغان.

ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە كەسىپ ھالىتىنىڭ تېخىمۇ موللىشىشى، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ زىبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغاندىن سىرت، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى، يېزا، كەنت ساياھىتى، تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش ساياھىتىگە قاتنىشىدىغان ساياھەتچىلەردىمۇ ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى.

ئالتاي ۋىلايىتىدە، يېزا، كەنت ساياھىتى داۋاملىق قىزىپ كەتتى. قاناس كەنتى، قۇم كەنتى، ئاققابا كەنتى قاتارلىق جايلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

باقتۇ پورتى مەدەنىيەت - سودا ساياھىتى، ساۋەن ئارشاڭ ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، بەيياڭخې ئالتۇن كۈز توغراق ساياھىتى، كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى قىزىل ساياھىتى، كۇرتۇ قۇملۇق ساياھىتى، جاڭغىر مەدەنىيىتى ساياھىتى... تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مول، كۆپ خىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 403 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.8 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 440 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.1 ئاشتى.

 ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقسۇ دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ %70ى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار بولۇپ، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %60 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. مەنزىرە رايونى بۇ يىل قۇرغان ھەم ئىشقا كىرىشتۈرگەن يېڭى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا 300 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۇل ئەسلىھەلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسى، ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر تەدرىجىي ساياھەتچىلەرنى يىغىش، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى قويۇپ بەردى.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بېسىمى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئادەملىك بېلەت سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلغاندىن سىرت، يەنە يېڭىدىن ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدىن ئىككىنى كۆپەيتىپ، توردا بېلەت سېتىش مۇلازىمىتىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەرگە قولايلىق ياراتتى. بۇ مەنزىرە رايونى يەنە ساياھەتچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن بەش ئورۇندا ئاپتوموبىل كۈتۈش رايونىغا سايىۋەن ياساپ، سۇ سېتىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، پىدائىيلارنى ساياھەتچىلەرنى مەدەنىي ئاپتوموبىل كۈتۈشكە يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇردى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاناسنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، مەنزىرە رايونى مەخسۇس ساياھەتچىلەرنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يېقىشلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ئوتلاق تاشقەلئە مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي دۆلەتلىك كان باغچىسى، قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قىيىن ئورمانلىقى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى ئازادە، پاكىز، ساياھەت دەم ئېلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، ساياھەتچىلەر سانى سىجىل ئاشتى. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، ئالتاي 1 مىليون 366 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.45 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 1 مىليارد 606 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى