تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【سۈزۈك سۈرەتلەر】 بايىنغولىن ئوبلاستى: ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسى

10- ئاينىڭ 2- كۈنى، 2- شى 21- تۈەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر يىغىۋېلىنغان لازىلارنى ئايرىماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ • خۇرە خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھاۋا ئوچۇق بولدى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لىرىدىكى دېھقانلار ۋە 2- شىنىڭ ھەرقايسى تۇەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھاۋا ئوچۇق مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، كۆممىقوناق، قىزىلچا، لازا قاتارلىق زىرائەتلەرنى جىددىي يىغدى، ئېتىز باشلىرى دېھقانلارنىڭ جىددىي كۈزلۈك يىغىم ئالدىراشچىلىقى ۋە خۇشاللىق كۈلكىسىگە تولدى.

10- ئاينىڭ 3- كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرىدىكى دېھقانلار لازىلارنى ئاپتاپقا سالماقتا.

10- ئاينىڭ 2- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى نەمىنمودۇن يېزىسى بورغازار كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى سەي كاۋىلىرىنى يىغماقتا.

10- ئاينىڭ 2- كۈنى 2- شى 24- تۇەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر قىزىلچىلارنى جىددىي يىغماقتا(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

10- ئاينىڭ 3- كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى سالىياڭۋەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى كۆممىقوناق سورىماقتا.

10- ئاينىڭ 3- كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى ساجىڭزى كەنتىدىكى دېھقانلار خۇڭشۇلارنى يىغماقتا(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى