تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا مەملىكەت بويىچە ئورمان ساياھەتچىلىكىدىكى ساياھەتچى 1 مىليارد 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى

  خەلق تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى  9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «2019 جۇڭگو ئورمان ساياھىتى بايرىمى»نى 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئورمان ساياھەتچىلىكىدىكى ساياھەتچى 1 مىليارد 200 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرىسال مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

  2015-يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو ئورمان ساياھەت بايرىمى ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئورمان ساياھەت بايرىمىنى تۇنجى قېتىم ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى