تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

چۇڭياڭ بايرىمى: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تاغلارغا چىقىپ، باغچىلارنى سەيلە قىلدى

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدىكى خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا دۆلەت بايرىقى لەپىلدىمەكتە، كىشىلەر خۇڭسەن تېغىغا چىقىپ شەھەر رايونىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې، يۈي يىچاڭ فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 7-كۈنى چۇڭياڭ بايرىمى، ئۈرۈمچىدە قۇياش پارلاپ چىقتى، كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇڭسەن تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىدى، ياشانغانلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى؛ يەنە بەزى شەھەر ئاھالىلىرى يامالىق تېغىغا چىقىپ، زامانىۋى شەھەرنىڭ يېڭى قىياپىتىگە يىراقتىن نەزەر تاشلىدى. پېنسىيە تۇرمۇشىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان گاۋ شىنخۇا ۋە يۈەن يۈن قاتارلىق يەتتە ياشانغان ئاچا-سىڭىل بىر-بىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇڭسەن تېغىغا چىقىپ، ھازىرغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىدى، ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى ـــــ بۇرۇنقى قاقاس تاغ ھازىرقى بوستانلىققا ئايلانغانىدى، بۇ تاغ ئۇلارنىڭ ياشلىق خاتىرىسىگە، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىغا، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولغانىدى.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا يۈەن يۈن (ئالدى تەرەپ سولدىن ئىككىنچى كىشى) قاتارلىق يەتتە ياشانغان ئاچا-سىڭىل بىر-بىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇڭسەن تاغقا چىقىپ، چۇڭياڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، خۇڭسەن تېغىغا چىققان ياشانغانلار، ياشلار ۋە بالىلار كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، 65 ياشلىق گاۋ يەنفېي خۇڭسەن تېغى چوققىسىدا «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، 76 ياشلىق ۋاڭ شۆفېڭ ۋە 79 ياشلىق باۋ شىڭتىڭ ئەر-خوتۇن قول تۇتۇشۇپ خۇڭسەن تېغىغا چىقماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى پاڭ تىڭجۈن 79 ياشقا كىرگەن ئاپىسى خۇ يۈمېينى يۆلەپ خۇڭسەن تېغىغا چىقماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا، كىشىلەر تاغقا چىقىپ تاماشا قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر خۇڭسەن باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىسى بالىسىنى كۆتۈرۈپ باغچا ئايلانماقتا.

  10- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۈرۈمچى دېڭىز - ئوكيان سارىيىدا، 90 ياشلىق جاڭ ۋېيگو (سولدىن بىرىنچى) يان تېلېفوندا دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

  10-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىڭفۇيۈەن مەھەللىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە شىڭفۇيۈەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكتىكى 30دىن ئارتۇق پېنسىيەگە چىققان ئاھالىلەر ۋە ياشانغان پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دېڭىز-ئوكيان سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسى ئەتراپىدا، بىر كىچىك دوست تاڭخۇلۇغا قىزىقىپ قارىماقتا.

  10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا، ياشانغانلار كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا.

  10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن يولىدا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ياشانغان كىشىنى ئائىلىسىدىكىلەر يولدىن ئۆتكۈزمەكتە.

  10- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەر، ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا، بىر ياشانغان كىشى تاڭ نۇرىدا ئاستا يۈگۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى