تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماكا ئىسى دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيەلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىكەن

 ماتېرىيال سۈرەت

  ھەممىگە ئايان، تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، كۆپ خىل راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن ئەنگىلىيە «پەن-تېخنىكا دوكلاتى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا ئىسى بەزىبىر دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيەلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىكەن.

  ئەنگلىيە بارت داشۆسى بىئولوگىيە ۋە بىئوخىمىيە شۆيۈەنىنىڭ دوكتورى مېسام رابى لوندون ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، ئوكسفورد داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئالىملىرىدىن تەركىب تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىسپانىيەدە تېرە يۇقۇملىنىش، ئۆپكە ياللۇغى ۋە يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە خىل باكتېرىيە توپىنى تاللىغان ھەمدە تاماكا پەيدا قىلىدىغان ئىس-تۈتەك تەركىبىدىن دورىغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى كۆزەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسمەن باكتېرىيە توپىنىڭ ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، كىچىك باكتېرىيە تۈركۈمى تۇيۇقسىز باكتېرىيە تۈپىگە ئۆزگەرگەن. بۇ باكتېرىيە تۈركۈمىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئۇزۇققا سوزۇلۇش، ھۇجۇم قىلىش ۋە يېپىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاماكىدىن چىققان ئىس-تۈتەك دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيەلەرنىڭ ئانتىبىئوتىكلارغا بولغان چىدامچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ھۇجۇم قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن، بۇنى تازىلاش تېخىمۇ تەس بولىدىكەن.

  رابى يېڭى تەتقىقاتتا تاماكا ئىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى، لېكىن تەسىرىنىڭ بۇنداق چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاماكا ئىسىنىڭ رولى ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەگە تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن، بىر خىل «جىددىي» رېئاكسىيەنى پەيدا قىلىپ، مىكرو ئورگانىزملار DNAسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، سوغۇققا چىداملىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان تۈر ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىپ، ئانتىبىيوتىكلارغا تېخىمۇ ياخشى قارشى تۇرىدىكەن. تاماكا ئىسى تەركىبىدە 4800 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىۋى بىرىكمە بولۇپ، سالامەتلىككە زىيانلىق، ھېچقانداق پايدىسى يوق. بۇ تەتقىقات تاماكا چېكىشنىڭ زىيانلىقلىقىنى يەنىمۇ دەلىللىگەن. 

                                                                                                           يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى