2019- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى بىلەن چاغاننۇر يېزىسى تۇتاشقان جايىدىن ئۆتۈۋاتقان قايدۇ دەرياسى ئېقىنى قاشتېشىدەك سۈزۈك، چىرايلىق. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ • خۇرە خەۋىرى، فوتوسى) سوغۇق شەبنەم مەۋسۇمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى بويىدىكى باغراش ناھىيەسىدە لازا يىغىش، قۇرۇتۇش خىزمىتىنىڭ يېرىمى تاماملاندى، كۆممىقۇناق، شال قاتارلىق زىرائەتلەر پىشىش مەزگىلىگە كىردى، كۆل بويىدىكى كەڭرى زېمىندا سېرىق، قىزىل، يېشىل رەڭلەر گىرەلىشىپ، خۇددى رەڭ تەڭشەش تاختىسىغىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كۆرۈپ تويمايدىغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.