تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى] دۆلەت بايرىمىدا تۇققانلارنى يوقلاش

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- دۇڭسەن رايونى باغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى باغ ئورمان ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئەتىگەندىلا جاۋخۇەننىڭ خوتۇنى ياڭ شياۋشيا ئوغلىنى ئېلىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تاللا بازىرىغا بېرىپ، تۇغقىنى مىجىت توختىغا بايراملىق سوۋغات سېتىۋالدى.

  بۇ ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- دۇڭسەن رايونى نېفىت خىمىيە سانائىتى كوچا باشقارمىسى گۇاڭمىڭ مەھەللىسى 26- بىنا بىرىنچى ئۆيدە مىجىتنىڭ قىزى ئاينۇر مىجىت ئالدىراش تاماق ئېتىۋاتاتتى، مېھمانخانا ئۆيدىكى تېلېۋىزوردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ نەق مەيدانى بىۋاستە كۆرسىتىلىۋاتاتتى.

  مىجىت ۋەتىنىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە قۇدرەت تاپقانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتقان چاغدا، جاۋ خۇەن  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يېڭىلا سېتىۋالغان نۇر دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيگە كەلدى. «مىجىت ئاكا، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!» ئاكا - ئۇكا ئىككىسى قوللىرىنى چىڭ سىقىشىپ كۆرۈشتى. كۆپ قېتىم بېرىش - كېلىش جەريانىدا، بۇ ئىككى ئائىلە ئاللىقاچان بىر ئىللىق چوڭ ئائىلىگە ئايلانغانىدى.

  2016-يىلى، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، جاۋخۇەن بىلەن مىجىت مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى رىنمىن جاڭزا كەنتىدە تونۇشقان ئىدى. شۇ ۋاقىتلارنى تىلغا ئالغىنىدا، جاۋ خۇەن چوڭقۇر ئويغا پاتتى.

  «ئەينى چاغدا مىجىت ئاكام ئوغلى ۋە قىزى بىلەن، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىپ، سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن، تۇرمۇشى تولىمۇ قىيىنچىلىقتا قالغانىكەن». دېدى جاۋ خۇەن. جاۋخۇەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. ئۇ مىجىتقا ياردەملىشىپ ئۇنىڭغا مەھەللىدە تازىلىق قىلىدىغان پاراۋانلىق ئىش ئورنى خىزمىتىنى تېپىپ بەردى.

  جاۋخۇەننىڭ ياردىمىدە، ھازىر مىجىتنىڭ ئوغلىمۇ مۇقىم بىر خىزمەت تاپتى، قىزى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاھالە كومىتېتىدا خىزمەت قىلدى، مىجىت كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغان جاۋ خۇەنگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  تېلېۋىزور ئېكرانىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە چاسا ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيە چاسا ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە چاسا ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەيۋەت بىلەن تيەنئەنمېن ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشى قويۇلۇۋاتقاندا، مەززىلىك پولو ئۈستەلگە قويۇلدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن «ۋەتىنىمىز كۈنسېرى كۈچىيىدۇ، ئائىلىمىزمۇ بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى تىلەيمىز» دېيىشتى.

  «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى