«بىر مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ» ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نېڭ مۇنداق دېدى: خاڭجوۋ ئېقىمى مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.
خاڭجوۋنىڭ گۈزەل مائارىپ ئىدىيەسىنى ئاقسۇدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈچ يىلدىن بۇيان، خاڭجوۋدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەنلەر مائارىپ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «بىر مەكتەپ، تۆت يەسلى»نى قۇرۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك دولان 1-يەسلىسى، فۇياڭ يەسلىسى، مىڭدې يەسلىسى، شىخۇ كۆلى يەسلىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپى (توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى) بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىكتە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى «خاڭجوۋ ئۇسلۇبىنىڭ 15 يىللىق گۈزەل مائارىپ ئۈلگە لىنىيەسى»نى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاڭجوۋنىڭ ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ بىر نەچچە مەكتەپ (يەسلى)نىڭ ئاقسۇ شەھىرى ھەتتا ۋىلايەت، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىگە ئايلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نۇقتا ئارقىلىق ئومۇمىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشى، ئەلا سۈپەتلىك، گۈزەل مائارىپ ئارقىلىق ھەر بىر بالىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ياراتتى.
خاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى