2019- يىللىق شىۋېيتسىيە تىكتاك توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ستوكھولمدا ئاياغلاشتى، دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسى بەش يەككە تۈردە چېمپىيون بولدى. جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسى تەرىپىدىن ئەڭ چوڭ رىقابەتچى دەپ قارالغان ياپونىيە كوماندىسىدىكى 19 ياشلىق كىچىك ماھىر يىتېڭ مېيچېڭ دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدىكى ياش غوللۇق ماھىر ۋاڭ مەنيۈ بىلەن سۈن يىڭشانى ئۇدا يەڭگەندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چېن مېڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 4:3 نەتىجىدە چېن مېڭغا يېڭىلىپ، چېمپىيون بولالمىدى.
ئەر-ئايال قوش ئويناش تۈرىدە شۈ شىن، ليۇ شىۋېن چېمپىيون بولدى، ئۇلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ياپونىيە گۇرۇپپىسىدىكى شۈيگۇ سۈن، يىتېڭ مېيچېڭنى يەڭدى. دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدىن تۆت غوللۇق ماھىر ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى، فەن جېندۇڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لىن گاۋيۈەنگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇ لىن گاۋيۈەنگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ لىن گاۋيۈەنگە ئۇدا ئىككى قېتىم يېڭىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا، لىن گاۋيۈەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سەپدىشى ۋاڭ چۇچىنغا تەڭ كېلەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ چۇچىن چېمپىيون بولدى.
بۇلتۇرقى شىۋېيتسىيە ئاشكارا مۇسابىقىسىدە، يىتېڭ مېيچېڭ ئىلگىرى دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدىكى ئۈچ غوللۇق ماھىر ليۇ شىۋېن، دىڭ نىڭ، جۇ يۈلىڭ قاتارلىقلارنى ئۇدا يېڭىپ چېمپىيون بولغانىدى؛ بۇ يىل ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدىن ئىككى ياش غوللۇق ماھىرنى شاللىۋەتتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېن مېڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 3:4 نەتىجىدە چېن مېڭغا يېڭىلدى. بۇ ئىككى يىلدا، يىتېڭ مېڭچېڭ شىۋېيتسىيە ئاشكارا مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم چېمپىيونلۇقنى، بىر قېتىم ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت تىكتاك توپ كوماندىسىدىكى بەش غوللۇق ماھىرنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ جۇڭگو ئاياللار تىكتاك توپ كوماندىسىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى