تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار سانجىدا خالىسانە كېسەل كۆرۈپ غەمخورلۇق يەتكۈزدى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋچېڭ، سانجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ لوۋ): يېقىندا، شىنجاڭ سانجى شەھىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا دورا بەردى ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بويىچە فۇجيەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن سەككىز دوختۇر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خالىسانە كېسەل كۆرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، ئاممىغا دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تارقاتقان. فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، سانجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ چىڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-بازار، مەھەللىلەردىكى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئاھالىلەر ئۈچۈن خالىسانە كېسەل كۆرۈشمۇ دوختۇرلار مېھىر-شەپقىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. داۋالاش، دورا كەسپىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەتنى يەنە داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى