تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى ئىككى چوڭ مەنزىرە رايونىدا ئۇدا ئىككى مەيدان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇا شىڭ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى فوتوسى): «يۈگۈرۈش ئايىغىنى ئېلىپ ساياھەت قىلىش» دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، 2019-يىللىق شىنجاڭ قومۇل ئارا تۈرۈك توغراقلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى، ئىككىنچى كۈنى، ئارا تۈرۈك خۇەنسەيخۇ كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىمۇ ئۆز قەرەلىدە باشلاندى.

  بۇ ئىككى تۈرلۈك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.

  ئارا تۈرۈك توغراقلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 500دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ماھىرلار بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20گە يېقىن ئۆلكە، شەھەردىن ھەمدە ئېفىئوپىيە ۋە كېنىيەدىن كەلگەن. مۇسابىقىدە 42.195 كىلومېتىر پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش، 21.0975 كىلومېتىر يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش ھەمدە ئون كىلومېتىر گۇرۇپپا بويىچە مارافونچە يۈگۈرۈش ۋە بەش كىلومېتىر دائىرىدىكى ساياھەت قىلغاچ مارافونچە يۈگۈرۈشنى ھېس قىلىش تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان.

  ئارا تۈرۈك خۇەنسەيخۇ كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش ۋە يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 200دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئارا تۈرۈك توغراقلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر قىسىم ماھىرلار بار ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ساياھەت ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى