تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تەبىئىي توسالغۇلاردىن ھالقىغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى

چۇڭچىڭ-خۇبېي لىچۈەن تۆمۈريولىنىڭ لۇڭشىخې دەرياسى قوش لىنىيەلىك ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدە، بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۇلۇت يېرىپ ئۆتۈپ يۈرمەكتە. (ۋاڭ يۇڭخۇڭ فوتوسى)

  خەلق تورى خەۋىرى: بۈگۈن، «جۇڭگو كۆۋرۈكى» نۇر چېچىۋاتقان ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ناھايىتى كۈچلۈك باشلامچىلىق رولىغا ئىگە. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشى ئۈچۈن، قاتناشنى ياخشىلاش ئىنتايىن مۇھىم.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆۋرۈكلەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنى تۇتاشتۇردى.

  2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تاشيول-كۆۋرۈك 851 مىڭ 500گە يېتىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 مىليون 685 مىڭ 900 مېتىرغا يەتتى. بۇ سانلىق مەلۇمات داۋاملىق ئاشماقتا.

  «جۇڭگو كۆۋرۈكى»نىڭ ئارقىدىكىسى، بىر دۆلەتنىڭ تاغقا يولۇقسا يول ئېچىش، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىشتەك كۈرەش روھى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئىرادىسى ۋە ۋەدىسى، 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇنىۋېرىسال دۆلەت كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىشى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مىللىي ئىرادىسىدۇر.

   جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا!

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز كۆۋرۈك گۇيجوۋ بېيپەنجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى. كۆۋرۈك يۈزىدىن جىلغا تېگىگىچە 565 مېتىر كېلىدۇ. (ما شۈەنجۈن فوتوسى)

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز گۇيجوۋ بېيپەنجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكى.

خۇبېي بادۇڭ سىدۇخې ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى. كۆۋرۈك يۈزىدىن جىلغا تېگىگىچە 560 مېتىر كېلىدۇ. لېي شىڭ فوتوسى.

گۇيياڭ- ۋېڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى «چېڭشۈيخې دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى». يۈ لېي فوتوسى.

خۇنەن شياڭشى جىشوۋ ئەيجەي چوڭ كۆۋرۈكى. (ليۇ جېنجۈن فوتوسى)

خۇنەن شياڭشى جىشوۋ ئەيجەي چوڭ كۆۋرۈكى. (ليۇ جېنجۈن فوتوسى)

ئەيجەي چوڭ كۆۋرۈكى ۋە پەنشەن تاشيولى.

خۇنەن شياڭشى ئەيجەي چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك بۇلۇت دېڭىزى. (ليۇ جېنجۈن فوتوسى)

خۇنەن شياڭشى ئەيجەي چوڭ كۆۋرۈكىدىن كۈن چىقىشنى كۆرۈش. (جاڭ شۇجې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى