تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى مېدال رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دوھا، 10- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ نىڭ، ۋۇ جۈنكۇەن، ما شياڭفېي): 10 كۈن داۋاملاشقان 2019- يىللىق دوھا يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاخىرلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېرىشكەن مېدال سانى بويىچە 4- ئورۇنغا تىزىلدى، بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ 26 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

10- ئاينىڭ 6- كۈنى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىش كۈنى بولۇپ، جەمئىي يەتتە تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالى تارقىتىلدى، جۇڭگو كوماندىسىدىن شۇ كۈنىدىكى مۇسابىقە تۈرىگە ھېچكىم قاتناشمىغان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رىقابەت كەسكىن بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تۆت نەتىجە يارىتىلدى.

ئەرلەر 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە، ئۇگاندا ماھىرى كەپىت 26 مىنۇت 48 سېكۇنت 36 دەقىقە نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. ئېفىئوپىيە ماھىرى كوجېل چار بىلەن كېنىيە ماھىرى رو كىپروتو ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولدى.

مېدال رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە، ئامېرىكا كوماندىسى 14 ئالتۇن مېدال، 11 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ 1- ئورۇنغا، كېنىيە كوماندىسى بەش ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشىپ 2- ئورۇنغا، يامايكا كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشىپ 3- ئورۇنغا، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشىپ 4- ئورۇنغا تىزىلدى.

ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدال بولسا جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ 1993- يىلى ستۇگاتتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن ياراتقان ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى توققۇز مېدال بىلەن يەنە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى يەككە قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېرىشكەن مېدال رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. 2015- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى بىر ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشكەنىدى.

مېدالدىن باشقا، شيې جېنيې تارىخىي نەتىجە يارىتىپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن تۇنجى جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى بولدى؛ جۇڭگو ئەرلەر 4X100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كوماندىسى پۈتۈن مەملىكەت رېكورتىنى يېڭىلىدى؛ ئەرلەر خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە خۇاڭ بوكەي قاتارلىق جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچىلەر دوھا مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆزىنىڭ ياكى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى ياراتتى.

200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2000غا يېقىن تەنھەرىكەتچى 2019- يىللىق دوھا يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، كېلەر نۆۋەتلىك مۇسابىقە 2021- يىلى ئامېرىكىنىڭ يوگىندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى