تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ پىراكتىكانت قەدىرىيە ئەمەر، ئىختىيارىي مۇخبىرى جېن مېي، لى جۈەن، ليۇ چۇڭراۋ خەۋىرى، فوتوسى) 10- ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12:00لەر ئەتراپىدا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى تەييارلىغان دۆلەت بايرىقىنى ئېلىپ، ئۆزلۈكىدىن نەق مەيداندا قويۇلغان ناخشىلارغا ئەگىشىپ خور ئېيتىپ، ۋەتەنگە سەمىمىي بەخت تىلىدى.

 

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بېلەت سېتىش زالىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەربىي پارات مۇراسىمى باشلىنىشى بىلەن، ئەمدىلا بېلەت سېتىۋېلىپ مەنزىرە رايونىغا كىرمەكچى بولغان نۇرغۇن ساياھەتچىلەر، ساياھەتچىلەر زالىدىكى چوڭ ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ ھەربىي پارات مۇراسىمىنى كۆرگەن. 

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) تەشكىللىگەن ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، سوۋغىلارغا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئامىلى ۋە ئۆرپ-ئادىتى  چۈشۈرۈلگەن سوۋغات بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  شۇ كۈنى، خۇڭسەن باغچىسىدا، سىچۇەندىن كەلگەن ساياھەتچى چېن تىڭ باغچىدىكى «جۇخارگۈلىنىڭ خۇش ھىدى خۇڭشەن تېغىنى قاپلىدى، ۋەتىنىمىزگە بەخت تىلەيلى» ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ئۇسۇلغا چۈشتى. «خۇڭسەن باغچىسىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ ياخشى بولدى، مەن ئەتىگەندە باغچىغا كېلىپ كۆردۈم، كەچتە يەنە بىر قېتىم كەلدىم، مەخسۇس ئۈرۈمچىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى كەلدىم» دېدى ئۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، مەنزىرە رايونىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى «دۆلەت بايرىقى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش كۆرگەزمە تاختىسى» بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. باش تېمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىش، مىللىي  ئۇسسۇل ئويناشتەك ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ھالقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىر ناخشا ياكى بىر ئۇسسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى