تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن خۇالىن خەۋىرى، فوتوسى): 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاش دەرياسى ۋادىسىدىكى 210 مىڭ مو يەردىكى ئىپتىدائىي ئىككىلەمچى ئورمانلىق ئالتۇن رەڭلىك تون كىيگەن بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز بىپايان ئورمانلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭ بىلەن بېزىلىپ كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.
قاش دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمانلىق «قەدىمىي تېرەكلىك» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلدە مەنزىرسى ھەر خىل. ھازىر قاش دەرياسى ۋادىسى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، خۇددى ئالتۇن رەڭلىك لېنتا تىيانشان تېغى ئېتىكى ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەندەك كۆرۈنىدۇ. تاڭ نۇرىدىكى دەريا ۋادىسى قويۇق تۇماندا تېخىمۇ سىرلىق بولۇپ، گاھ كۆرۈنۈپ گاھ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قەدىمىي ئورمانلىق مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. كىشىلەر: «جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇملۇقتىكى توغراقلىق بار، شىمالىي شىنجاڭدا سۇلۇق يەردىكى قەدىمىي تېرەكلىك بار» دېيىشىدۇ، ھازىر قاش دەرياسى ۋادىسىدىكى سۇلۇق يەردىكى قەدىمىي تېرەكلىك دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلانغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.