10- ئاينىڭ 7- كۈنى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5لەردە، جېڭجوۋ شەھەر رايونى دەم ئېلىشتىن كېيىنكى قايتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. جېڭجوۋ مېترو 1-لىنىيەسى 27- مەيدان بېكىتىدە، كىرىش ئېغىزىدا يولۇچىلار بەك كۆپ بولغاچقا، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، ۋوگزالغا كىرىدىغان ئادەم ئېقىمىنى كونترول قىلدى، مېترو ئېغىزى سىرتىدىكى مەيداندا يولۇچىلار 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆچرەت تۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەرتىپلىك ۋوگزالغا كىردى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا سەپەردىن قايتقان يولۇچىلار جېڭجوۋ مېترو بېكىتى سىرتىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ۋوگزرالغا تەرتىپلىك كىرمەكتە.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا سەپەردىن قايتقان يولۇچىلار جېڭجوۋ مېترو بېكىتى سىرتىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ۋوگزالغا تەرتىپلىك كىرمەكتە.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى قايتىش يۇقىرى پەللىسىدە، جېڭجوۋ مېترو بېكىتى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.
خەن جاڭيۈن فوتوسى