تۇنجى ئۆسمۈرلەر ئوت مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەلق تورى خەۋىرى: 10- ئاينىڭ 7-كۈنى، شەندۇڭ چىڭداۋدىكى شىخەيئەن يېڭى رايونىدا 46 نەپەر ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار بىر ھەپتە ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشتىن كېيىن، جىنشاتەن پىۋا شەھەرچىسى ئوت مۇداپىئە پونكىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەزالىرى قولىدىن «ئىتتىپاق ئەزالىق كىنىشكىسى»نى ئېلىپ، بۇ رايوندىكى تۇنجى ئۆسمۈرلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئۆمىكىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆسمۈرلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئۆمىكى قۇرۇش ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ئاساسىي ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردا كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئاخىرىدا «بىر بالىنى تەربىيەلەش، بىر ئائىلىنى يېتەكلەش، پۈتۈن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش» مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ رايوندىكى ئۆسمۈرلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئۆمىكى ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار رايونى ئەترىتى ۋە يەتتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر رايونى ئەترىتى تەسىس قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش تەربىيە مەزگىلىگىچە قاپلايدىكەن. (يۈ فاڭپىڭ)
ئەترەت ئەزالىرى تەۋەلىكتە چارلاش ئېلىپ بارماقتا.
ئۆسمۈرلەر ئوت مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىتتىپاق ئەزالىق كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇۋالماقتا.
ئەترەت ئەزالىرى قۇتقۇزۇش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
ئەترەت ئەزالىرى قۇتقۇزۇش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۆسمۈر ئوت مۇداپىئە ئەزالىرى.
ئەترەت ئەزالىرى ئوتتىن ھالقىش مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.