دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھايۋانلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشماقتا.
خەلق تورى، چۇڭچىڭ، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرۈپ، كىچىك ھايۋانلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچرىشىش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزىقىدىغان ساياھەت ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. چۇڭچىڭ يۇڭچۇەندىكى لېخې لېدۇ مەنزىرە رايونىدا، نۇرغۇن قويۇۋېتىلگەن توپ- توپ ياۋايى ھايۋانلار بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر پىيادە مېڭىش رايونىدا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئارقار، چىپار بۇغا، چوڭ بۆكەن، ھالقا قۇيرۇقلۇق لېمۇر مايمۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، يەنە ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن يەم بېرىپ، ھايۋانات باققۇچىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. (چېن چى، ۋاڭ چېڭجې)