تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئەمالار پۇتبول كوماندىسى ئىران ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ، 6- قېتىم چېمپىيون بولدى

10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاسىيا ئەمالار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تايلاندتا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجىدە ئىران كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 6- قېتىم چېمپىيون بولدى.

جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئىران كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرۇپ باقمىغان. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئىران كوماندىسى 2گە قارشى 3 نەتىجىدە ساھىبخانا كوماندا تايلاند كوماندىسىنى يەڭدى، جۇڭگو كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق 4گە قارشى 5 نەتىجىدە ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا قاتتىق تىركەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى كورنېر توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر توپ كىرگۈزدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا يەنىلا كەسكىن مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرى مۇداپىئەدىن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغاندا يارىلىنىپ، مەيداندىن ئايرىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، نومۇر پەرقىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجىدە ئىران كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، 0گە قارشى 8 نەتىجىدە كورېيە كوماندىسىنى، ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 0گە قارشى 5 نەتىجىدە ھىندىستان كوماندىسىنى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا 0گە قارشى 2 نەتىجىدە تايلاند كوماندىسىنى يېڭىپ، A گۇرۇپپىدا 1- بولدى. جۇڭگو كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 4گە قارشى 5 نەتىجىدە ياپونىيە كوماندىسىنى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0گە قارشى 1 نەتىجىدە ئىران كوماندىسىنى يېڭىپ، قاتناشقان ھەممە مەيدان مۇسابىقىدە رىقابەتچى كوماندىنى يېڭىشتەك نەتىجىنى ياراتتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە يەنە دۇڭجىڭ مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ياپونىيە كوماندىسىدىن سىرت يەنە ئىككى نامزات بار. جۇڭگو كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياپونىيە كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇڭجىڭ مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

جۇڭگو ئەرلەر ئەمالار پۇتبول كوماندىسى 2006- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 13 يىل بولدى. بۇ 13 يىلدا، بۇ كوماندا دۆلەت ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولدى، 2010- يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولدى، 2010- يىللىق گۇاڭجوۋ ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە بەش قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى بولغانىدى. بۇ قېتىمنى قوشقاندا، جۇڭگو ئەمالار پۇتبول كوماندىسى 6- قېتىم چېمپىيون بولدى.

خەلق گېزىتى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى