قاردىن كېيىنكى چىليەنشەن تېغى كۈمۈش رەڭ بىلەن قاپلىنىپ، خۇددى بىر پارچە گۈزەل رەسىمگە ئوخشاپ قالدى.
خەلق تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې تەۋەسىدىكى چىليەنشەن تېغى ئېتىكىدە تۇنجى قېتىم قېلىن قار ياغدى، قاردىن كېيىنكى چىليەنشەن تاغلىرى كۈمۈش رەڭ بىلەن ئورالدى، گۈزەل تاغ باغرىدىكى يايلاقنى قار قاپلىدى، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ھەيۋەتلىك چىليەنشەن تېغى باغرىدا ئۇچقاندەك چاپتى، دېھقانلارنىڭ تېخى يىغىپ بولالمىغان زىرائەتلىرىدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر چاقناپ تۇراتتى، نەزەر سالساق خۇددى بىر پارچە گۈزەل رەسىمگە ئوخشايتتى. (ۋاڭ جياڭ فوتوسى)