تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

مۇھىت ئاسراش قەدىمى باشلاندى

1971- يىلى قىشتىن 1972- يىلىنىڭ بېشىغىچە، گۇەنتىڭ سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا زور مىقداردا بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاساسلىقى سانائەت پاسكىنا سۈيىنىڭ سۇ ئامبىرى سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغانلىقىدىن بولغان. زۇڭلى جوۋ ئېنلەي مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا خېلىلا بالدۇر دىققەت قىلغان، بۇ بۇلغىنىش ۋەقەسى ئۇنىڭغا مۇھىت ئاسراشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ تونۇتقان.

جوۋ ئېنلەينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، 1972- يىلى 6- ئايدا شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنسانلار مۇھىت يىغىنىغا قاتناشتۇرغان. ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جوۋ ئېنلەي دەرھال پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنى ئېچىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن.

1973- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. يىغىندا مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مەسىلەن، داليەن قولتۇقى، جياۋجوۋ قولتۇقى، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىز قولتۇقى بۇلغىنىشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، ئورمانلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئوتلاقنىڭ چېكىنىپ كېتىشى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنىڭمۇ بىرقەدەر مەركەزلەشكەنلىكى كىشىلەرنى چۆچۈتكەن. مەركەز يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى خەلق سارىيىدا ھەر ساھەدىكى ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان 10 مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىشنى قارار قىلغان. گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىدىن لى شيەننيەن، خۇا گوفېڭ، يۈ چيۇلى يىغىنغا كېلىپ سۆز قىلغان.

يىغىندا ئۈچ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن: بىرىنچى، مۇھىت مەسىلىسىدە «ھازىر تۇتساقمۇ كېچىكمەيمىز» خۇلاسىسى چىقىرىلغان؛ ئىككىنچى، «ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش، ئاممىغا تايىنىش، كۆپچىلىك قول سېلىپ ئىشلەش، مۇھىت ئاسراش، خەلققە بەخت يارىتىش» دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى مۇھىت ئاسراش خىزمەت فاڭجېنى قىلىپ بېكىتىلگەن؛ ئۈچىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇن - نىزام خاراكتېرلىك ھۆججىتى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگو مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغان. يىغىندىن كېيىن، مەركەزدىن يەرلىككىچە ئارقا - ئارقىدىن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلغان، مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئېلان قىلىنغان، بىر تۈركۈم چەت ئەلنىڭ ئىلغار مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى ئارقا - ئارقىدىن دۆلەت دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈلگەن. 1974- يىلى، گوۋۇيۈەن مۇھىت ئاسراش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جوۋ ئېنلەينىڭ تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى جاپا - مۇشەققەتتە باشلانغان، ئىنتايىن قىممەتلىك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى