تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش

− ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېپقالغان ئېغىر نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نىشانلاپ قايتا قاراپ چىقىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش

خوتەن ۋىلايىتى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 547 كەنتكە قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، 21 مەسىلىنى رەتلەپ چىقىپ، مەسئۇل كىشىنى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. خوتەن ۋىلايىتى دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەش، ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ئاساسىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، سىياسەتتە ياردەم بېرىدىغانلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش، يۆلەيدىغانلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش، ئىجرا قىلىش جايىدا بولماسلىق، ئىجرا قىلىشتا پەرق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تېپىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىدە بىر تۈرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشتا بىر ئائىلىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، خوتەن ۋىلايىتى «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چىڭ تۇتتى. «باش تېما تەربىيەسىدە، بىز مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە ساقلانغان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، تىرىشىپ ھەربىر نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن يېتەكچى كەسىپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قېپقالغان نامرات ئاھالىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇا.

باش تېما تەربىيەسىدە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى چەت، يىراق، تارقاق جايلاشقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش ۋە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، سۇ يەتكۈزۈش ئىسىملىكىگە ئاساسەن، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلدى. بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە تۈزۈپ، 112 ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلدى.

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تېپىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، تۈرمۇتۈر، ئائىلىمۇئائىلە، ئادەممۇئادەم بويىچە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تىرىشىپ تولۇقلىدى.

ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى «چېگرا بويىدا پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش، يېزا - بازارلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەرگە كىرىپ مەركەزلىك ئولتۇراقلىشىش» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ئۆزلىرىنىڭ مالىيە كۈچى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئائىلىلەرگە ئوتتۇرىچە 12 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى يۈرۈشلەشتۈرۈش ياردەم پۇلى بەردى. ئۆزى مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى يوق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى يولغا قويدى. «قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىككى ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)دە 2018 − 2020 - يىلىغىچە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلار بويىچە، نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەرىجىمۇدەرىجە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئايرىپ چىقتى. بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)نىڭ يېزىلىرىدا تۇرۇبا سۈيىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلىدۇ.

 ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەشتىن قول سېلىپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش

مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسى كۆكتىكەن كەنتى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات كەنت، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بىلەن بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، باشلامچى بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۇنجى يەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مەركىزىنى قۇردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە ھاۋالىلىك باشقۇرۇلىدىغان يەر جەمئىي 1600 مودىن كۆپرەك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىم قىلىش ۋە يەردىن كىرىم قىلىشتەك «قوش ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئون نەچچە تۈرنى قاپلىغان ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ يېتىلدۈرۈش بازىسىنى بەرپا قىلىپ، 101 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقاغا بازىرى باغۋەن كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەشتىن قول سېلىپ، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە كوللېكتىپ مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى، ئىلھاملاندۇردى ھەم توقۇمىچىلىق قاتارلىق ماھارەت تەربىيەسى كۇرسى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى.

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشۋىق قىلىشى، تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلەپ ياردەم بېرىشى بىلەن، ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندىمۇ بىردىن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بىلىدىغان ئادەم ۋە بېيىش كىچىك ماھىرى بار، ئىدىيەۋى قاراش ئۆزگەردى، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بارغانسېرى يېتەرلىك بولۇۋاتىدۇ» دېدى باغۋەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەخەت قۇربان.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇ يىل 606 مىڭ 100 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 976 كەنتنى چېكىندۈرۈش، 12 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، شيا چىڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن پەن يەنيۈن، قىزىلسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ كېشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نيۇ خەييەن، ما مېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى