تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كاتتا بايرام خۇشال - خۇرام تەبرىكلەندى ئىستېمال بازىرى قىزىپ كەتتى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئىستېمال بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتتى، توردا ئالقىشلانغان ئۆزگىچە كىچىك بازارلارغا بېرىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش، «كېچىلىك ئىقتىساد» قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال تۇرمۇشى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

 ئۆزگىچە كىچىك بازارلار ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق كۈەيشەن پائالىيەتلىرى، ئۆسمۈرلەر چامباشچىلىق ئويۇنى، سىچۇەن تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن توردا ئالقىشلانغان كۆرگۈچىلىكى بار جاي − ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرىنىڭ «شيەنلەي كىچىك بازىرى» بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. كىچىك بازارنىڭ مەيدانىغا تەسىس قىلىنغان «مەن شىنجاڭدا، ۋەتىنىمگە قەلبىمنى ئىزھار قىلىمەن» تېمىسىدىكى ئىجادىيەتلىك قەلب ئىزھار قىلىش تېمى كۆپچىلىكنى بەس - بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

بۇ يىل 9- ئايدا تىجارەت باشلىغان «شيەنلەي كىچىك بازىرى» ئۈرۈمچى ناھىيەسى نەنسەن مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدىغان مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا، ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنىڭ ئالدى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى. بىر پىنتاڭ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىرنەچچە كۈندە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، دۇكىنىمىزنىڭ كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى.

«شيەنلەي كىچىك بازىرى» پىلان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ كې مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ساياھىتى مەدەنىيەت ساياھىتىگە، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ساياھەتكە ئۆزگەردى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە كىچىك بازارلارنىڭ سودىسى قىزىپلا قالماي، تارباغاتاي ۋىلايىتى باقتۇ پورتىغا جايلاشقان جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى تىپىنى ئۆزگەرتىپ سودا رايونىغا تەرەققىي قىلغاندىن بۇيان، خېرىدارلار ئېقىمى، سېتىش سوممىسىمۇ تەدرىجىي ئاشتى. يېڭى قۇرۇلغان يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاۋار كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ليۇ خۇەننىڭ ھاسىلاتى كۆپ بولدى. كېتىدىغان چاغدا، قولىدا چوڭ - كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىپلا قالماي، ئۈندىدارىغا «سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلىش» ئۇچۇرلىرىمۇ كەينى - كەينىدىن كېلىپ تۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، باقتۇ پورتىدىكى جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرىدىكى كىشىلەر ئېقىمى 7300 نەچچە ئادەم قېتىم، سودا ئومۇمىي سوممىسى 860 نەچچە مىڭ يۈەن بولغان.

 يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىش مودېغا ئايلاندى

«ھازىر سەپەرگە چىقىشتىكى بىرىنچى تاللىشىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ ئوينىساق بەكمۇ قولايلىق!» قومۇل شەھىرى ئاھالىسى يىن رۇڭجۈن 10- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ، سائەت 11دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى. «ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كېلىشتە سەككىز سائەتتىن ئارتۇق پويىزغا ئولتۇراتتۇق، ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ھەم تېز، ھەم سىلىق ماڭىدۇ» دېدى ئۇ.

قومۇل شەھىرى ئاھالىسى چېڭ شىنپىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ لەنجوۋغا بېرىپ خۇاڭخې دەرياسىنى كۆرۈشنى تاللىدى. «قومۇلدىن لەنجوۋغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپە ئاران توققۇز سائەتتىن كۆپرەك بولۇپ، ئىلگىرىكى ئادەتتىكى تېز پويىزغا ئولتۇرغاندىكىگە سېلىشتۇرغاندا ۋاقىت يېرىمغا يېقىن قىسقاردى.» چېڭ شىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئەتىگەندە شىنجاڭدا ئەتكەنچاي ئىچسەك، چۈشتىن كېيىن لەنجوۋدا كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچەلەيمىز».

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە قومۇل ۋوگزالىغا كەلگەن، يولغا چىققان يولۇچى جەمئىي 85 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان، قومۇل ۋوگزالىدىن يولغا چىققان يولۇچى سانى 46 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

قىسقا مۇساپىلىك يولۇچىلارمۇ شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان پويىزنىڭ «ئاممىۋى قاتناشلاشتۇرۇلۇش» قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما جىنچېڭ ئائىلىسىدىكىلەر شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان پويىزدا قارامايغا بېرىپ قاراماي تېغى ۋە موگۇيچېڭنى كۆرۈشنى تاللىدى.

توردا ئاپتوموبىل ئىجارە ئېلىش بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ساياھەتچىلەر ئايروپىلان ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ باشقا جايغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن توردا ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش نۇرغۇن كىشىنىڭ تاللىشى بولدى. مۇخبىرنىڭ توردا ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىدىغان بىرقانچە شىركەتتىن ئىگىلىشىچە، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان پىكاپ، سودا ئاپتوموبىللىرى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان.

 «كېچىلىك ئىقتىساد» ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى

چىراغلار يېقىلىشى بىلەنلا، قەشقەر رەڭگارەڭ بايراملىق تۈسكە كىردى. كەچلىك بازار قەشقەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، ھەر خىل مەززىلىك تائاملار بۇ يەرگە جەم بولغان. تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، تەمىنىڭ مەززىلىكلىكىدىن كىشىلەرنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيمايتتى.

«قەشقەرگە كەلگەندە جەزمەن كەچلىك بازارغا بېرىپ ئايلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى كۆپرەك تېتىپ كۆرۈش كېرەك.» دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سىچۇەندىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن سەي چىڭسۇڭ قەشقەرنىڭ كەچلىك بازىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى.

قەشقەر شەھىرى ئوردا ئالدى كەچلىك بازىرىدا بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تىجارەت توختىمايدۇ، ھەر كۈنى كەچتە بېلىق كاۋىپى، كاۋاپ، ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىك، تۈرلۈك مېۋە - چېۋە قاتارلىق مەززىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق. كاۋاپخانا خوجايىنى ئابلىخەت قاسىم ھەر كۈنى كەچتە ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، قولىدىكى كاۋاپلار چوغ ئۈستىدە توختىماي ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلۈپ، مەززىلىك ھىدى تۆت ئەتراپنى بىر ئالىدۇ.

«بىر كۈندە 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن.» ئابلىخەت مۇنداق دېدى: «سودىمىز ناھايىتى ياخشى، ئىچكىرى رايونلاردىن بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەس».

تۈن پەردىسى تۆت ئەتراپقا يېيىلغاندا، ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر يولىدىكى بىر سودا سارىيىنىڭ سىرتىدىكى پانۇس كۆرگەزمىسى كارىدورى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان بولۇپ، «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال - خۇرام تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر بېسىلغان قىزىل رەڭلىك پانۇسلار، كىچىك رەڭلىك چىراغلار بۇ يەرگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقان بولۇپ، پۈتۈن كوچا قىزىل نۇر ئاستىدا خۇشال - خۇرام كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى. «كۈندۈزى كوچا ئايلىنىپ نەرسە - كېرەك سېتىۋالىمىز، كەچتە كەچلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىمىز، بۇ دۆلەت بايرىمى تېخىمۇ مەنىلىك بولدى» دېدى ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى جوۋ ياڭ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، شيا چىڭ، خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جىجۇەن، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋېن بو يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى