تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

«جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلدى، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قولىدا يارىتىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەسسىلەپ پەخىرلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار يەنە زىممىسىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، دەۋر بۇرچىنى ئادا قىلىپ، شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

 يېڭى دەۋردە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ قايتا ئاتلىنىش

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور چېن خۇڭ قايتا - قايتا كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن».

«بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، ھېچقانداق كۈچ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئورنىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.» باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى رامىلە رەجەپنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى.

«مەن زىممەمدىكى دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە تارىخىي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىزاھلاپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشنى، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرگە خاس نەتىجە يارىتىمەن» دېدى رامىلە رەجەپ.

 يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىكرو بىيولوگىيە ئەمەلىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گو ۋېنچاۋنى ھەسسىلەپ ھاياجانغا سالدى.

گو ۋېنچاۋ ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئۈچ ئاي ۋاقىت ئېتىز - ئېرىق بېشىدا خىزمەت قىلىدۇ. «مەن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا نۇقتىلىق كۈچەپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزىمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق دېدى: «بىز <ياشلار چوڭ ئۆگىنىش> ھەرىكىتى ۋە باش تېمىلىق ئىتتىپاق، ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيەگە ئەگىشىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ياشلىق بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىمىز».

 يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى قىسقىغىنا 70 يىلدا نامرات، ئاجىز، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلىغان بىر دۆلەتنى ئىتتىپاق، بىرلىككە كەلگەن، گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك يېڭى جۇڭگو قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.» سانجى شۆيۈەنى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى بۇخەلچەم مۇختەر مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھايات غايەمنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ كۈرىشىنى دەۋر دولقۇنىغا سىڭدۈرىمەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شارائىتى جاپالىق يېزىلارغا بېرىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يېڭى يېزا قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن».

ئالىمجان ئادىل تارىم داشۆسى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى، بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۇ تېلېۋىزور ۋە يان تېلېفون ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدەك قۇدرەتلىك كۈچنى ھېس قىلىپ، غايە - ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتە، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش ئىمتىھانى ئۈچۈن جىددىي تەكرار قىلىۋاتىدۇ، «مەن ياشلىق باھارىمغا يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، فەن خۇڭيى، شيې خۇيبيەن، مېھرىگۈل ناسىر، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لۇپىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى