تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالدىنقى توققۇز ئايدا شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 180 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

304 مىليارد 638 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى قوش رېكورت يارىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭنىڭ 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 183 مىليون 858 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.90 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.78 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى قوش رېكورت يارىتىلىپ، مۇددەتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن 2018- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ۋە ساياھەت كىرىمىدىن قوش ئاشۇرۇلغان.

2018- يىلى، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 150 مىليون 248 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، 257 مىليارد 971 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %40.09، %41.59 ئاشقان. بۇ يىل، شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغان. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 149 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.91 ئاشقان؛ 242 مىليارد 913 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.28 ئاشقان.

9- ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ كۈز ھاۋاسى ساپ، سالقىن، رەڭدار پەسىلگە كىرىپ، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مول مەزمۇنلۇق ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى كىشىلەرنى يىغىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، مەسىلەن: جۇڭچيۇلىق قىسقا دەم ئېلىش، جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاي تاماشىسى قىلىش، مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتىدەك ئېسىل پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەي، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى، ساياھەت كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. 9- ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدا جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 34 مىليون 569 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.86 ئاشتى؛ 61 مىليارد 725 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.94 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، تارباغاتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %50تىن ئېشىپ كەتتى، خوتەندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپىيىپ، %171.32كە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10- ئاي كىرىشى بىلەن، ئالتۇن كۈزدە توغراقنى تاماشا قىلىش ئاساس قىلىنغان كۈزلۈك ساياھەت زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ساياھىتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى يەنە داۋاملىشىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئايدا ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنىلا مۇقىم ئېشىپ، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنىڭ 19 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشىدىن، ساياھەت كىرىمىنىڭ 44 مىليارد يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى